چۈشىڭىزدە بېلىقنىڭ سۈزۈك سۇدا ئۈزۈپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈش سىزنىڭ بايلىق ۋە ھوقۇققا ئېرىشىدىغانلىقىڭىزغا سىمۋول قىلىنىدۇ ياكى ھازىرقى كەيپىياتىڭىز ۋە ئەھۋالىڭىزنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا سىزنىڭ كۈتۈلمىگەن كىرىم ياكى ئورنىڭىزنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن.
چۈشىڭىزدە بىر توپ بېلىقنىڭ سۇ ئۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىڭىز، بۇ سىزنىڭ يېقىندىن بۇيان ناھايىتى ياخشى ئامەتكە ئېرىشكەنلىكىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ، مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلسىڭىز، بەلكىم سىزگە پايدا ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
چۈشىڭىزدە يامغۇرنىڭ توختىماي يېغىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭىزدە، نامىڭىزنىڭ ئېشىپ بارىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، سىز بەلكىم مەلۇم بىر ياخشى ئىش سەۋەبىدىن باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا، ھۆرمىتىگە ئېرىشىشىڭىز مۇمكىن.
چۈشىدە بېلىقنىڭ تېيىز سۇدا تىركىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسە، سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق ئەمەسلىكىنى، ئىلگىرىلىشىڭىزنىڭ قىيىنلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بەلكىم ۋەزىپىڭىز تۆۋەنلىشى مۇمكىن.
ئەرلەرنىڭ چۈشىدە بېلىق تۇتۇشى، بېشىغا چوڭ ئاپەت كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئاياللار چۈشىدە بېلىق تۇتسا، بىر باي ئېرىنىڭ بارلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.


