2007-يىلى جوبس دۇنيادىكى تۇنجى iPhoneنى ئېلان قىلىپ، سېزىمچان ئەقلىيفوننىڭ يېپيېڭى دەۋرىنى ئاچقان. بەلكىم كۆپ قىسىم كىشىلەر بىلمەسلىكى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە تۇنجى ئەۋلاد iPhone شۇ يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى ئېلان قىلىنىپ، شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنىگە كەلگەندە ئاندىن رەسمىي سېتىلغان.
ئارقىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي HTCنىڭ تەخمىنەن 50 نەپەر ئىنژېنېرى كالفورنىيەدىكى Mountain شەھىرىدە تۇنجى ئاندرويىد يانفونى G1نى ياساپ چىققان، بۇنىڭغا بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنغان. ئەمما G1 تۇنجى ئاندرويىد يانفونى، شۇنداقلا بىر قىسىم «كونسېرۋاتىپ» لايىھە ئىشلىتىلگەن يانفون، مەسىلەن: 260 مىڭ رەڭ 480×320 پىكسىللىق 3.17 ديۇملۇق سېزىمچان ئېكران ئىشلىتىلگەن، بۇ ئېكران ئەينى ۋاقىتتىكى iPhoneنىڭ 3.5 ديۇملۇق ئېكرانىدىن كىچىك، ئۇنىڭدىن باشقا فىزىكىلىق كۇنۇپكىلارمۇ ساقلاپ قېلىنغان، ئۇنىڭغا يانغا سىيرىلىدىغان تولۇق كۇنۇپكا لايىھەسى ئىشلىتىلگەن.
تىزىملىكتە ئالمىنىڭ تۇنجى يانفونى ۋە داگېدامۇ يوق، بۇ يانفوننى ئىشلەتكەنلەر ئاز.
1. نوكىيا 1110، سېتىلىشى: 250 مىليون دانە
نوكىيا 1110 نوكىيانىڭ ئەڭ كىلاسسىك مەھسۇلاتىنىڭ بىرى، ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭغا قارا، ئاق، كۆك، كۈلرەڭ، قىزىل قاتارلىق كۆپ خىل ئارقا قاپ ئىشلىتىلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئارقا كۆرۈنۈش چىرىغىمۇ بار. 2005-يىلى ئېلان قىلىنغان، تارىختا سېتىلىشى ئەڭ كۆپ يانفون، سېتىلىشى تەخمىنەن 250 مىليون دانە، ئۇنىڭدا ئاچكۆز يىلان ئويۇنى قاچىلانغان. ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ كىلاسسىك يانفون ھېسابلىنىدۇ.
2. موتوروللا Razr V3، سېتىلىشى: 130 مىليون دانە
Motorola Razr V3 يانفونى 2004-يىلى 9-ئايدا بازارغا سېلىنغان، پىچاق بىسى دەپ ئاتالغان، تەسىر كۈچى ئەڭ كۈچلۈك يانفونلارنىڭ بىرى، دەرىجىدىن تاشقىرى نېپىز يانفون دولقۇنىنى قوزغىغان، دۇنيادىكى سېتىلىش مىقدارى 130 مىليون دانە، قوش ئېكران ئىشلىتىلگەن، ھازىرغا قەدەر سېتىلىشى ئەڭ ياخشى ئېچىپ-يېپىلىدىغان يانفون ھېسابلىنىدۇ.
3. iPhone 4S
2011-يىلى بازارغا سېلىنغان، iPhone 4Sنىڭ دەرىجىسى ئاشۇرۇلغان نۇسخىسى، شۇڭا iPhone 4 ۋە iPhone 4S ئوخشاش بىر خىل يانفون دەپ قارىلىدۇ، 3.5 ديۇملۇق ئېكران ئىشلىتىلگەن، جوبس ئەينى ۋاقىتتا ئېيتقان يەككە قولدا تۇتۇشقا ماس كېلىدىغان ئەڭ ياخشى رازمېر ئىشلىتىلگەن. بۇ ھەم ئالمىنىڭ كۆچمە ئۆسكۈنىلىرى كىشىلەرگە تونۇلۇشقا باشلىغان مەزگىل ئىدى.


