大数跨境

ئۇيقۇسى ئازلار بۇ 5 خىل يىمەكلىكنى كۆپ يەڭ، ۋەششىي ئۇخلايسىز

ئۇيقۇسى ئازلار بۇ 5 خىل يىمەكلىكنى كۆپ يەڭ، ۋەششىي ئۇخلايسىز Qux Tori
2025-10-28
0

图片

تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تېزلىشىشى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۇيقۇسىزلىققا گىرىپتار بولغانلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، ھەممە ئادەمدە دېگۈدەك ئۇيقۇسىزلىق كەچۈرمىشى بولغان، بەزىدە ئۇيقۇسىزلىق سالامەتلىككە ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، ئەمما ئۇزاق مۇددەت ئۇيقۇسىزلىق كۆرۈلسە، ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىش ۋە نېرۋا ئاجىزلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، شۇڭا ئۇيقۇسىزلىققا گىرىپتار بولغانلار زۆرۈر بولغان تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك مەسىلەن، يېمەكلىك بىلەن داۋالاش بىر قەدەر بىخەتەر، ئۈنۈملۈك ئۇسۇل.
دائىم ئۇيقۇسىزلىق كۆرۈلگەندە قانداق يېمەكلىكلەرنى يېسە پايدىسى بار؟
图片
1- بانان
باناننىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ناھايىتى مول بولۇپ، ئادەم بەدىنىنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بانانمۇ ئۇيقۇسىزلارغا بىر قەدەر ماس كېلىدىغان يېمەكلىك، چۈنكى باناننىڭ تەركىبىدە مىكرو ئېلېمېنتلار ۋە مىنېرال ماددىلار بىر قەدەر مول، بۇنىڭ ئىچىدە ماگنىي ئېلېمېنتى بار بولۇپ، ماگنىي ئېلېمېنتى نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇپ، بەدەننى ئەركىن قويۇپ بېرىپ، ئۇيقۇ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە بەلگىلىك ياردەم بېرىدۇ.
图片
2- تېرىق
تېرىق ئىشلىتىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان كۈتۈنۈش يېمەكلىكى، چۈنكى تېرىقنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ئىنتايىن مول بولۇپ، ئۇنىڭدا ۋىتامىن مىكرو ئېلېمېنتلار ۋە ئامىنو كىسلاتالىرى بار، ئۇنىڭدىكى ئامىنو كىسلاتالىرى چوڭ مېڭىنىڭ نېرۋا سېستىمىسىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، چوڭ مېڭە نېرۋىلىرىنىڭ نورمال ئىقتىدارىنى ساقلاپ، ئۇيقۇ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بەلگىلىك ياردەم بېرىدۇ، شۇڭا دائىم ئۇيقۇسىزلىنىدىغان كىشىلەر تېرىق ئۇمىچىنى مۇۋاپىق ھالدا كۆپرەك يەپ بەرسە بولىدۇ.
图片
3- ھەسەل
ئەگەر ئۇيقۇسىزلىق قايتا-قايتا كۆرۈلسە، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈندۈزى چارچىغاندا ماغدۇرسىزلانسا، مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل سۈيى ئىچىپ بەرسە بولىدۇ، چۈنكى ھەسەل سۈيى تەركىبىدە قەنت مىقدارى مول بولۇپ، ئادەم بەدىنىنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەسەل تەركىبىدە يەنە ۋىتامىن ۋە ئامىنو كىسلاتاسى مول.
بۇنىڭ بىلەن كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچىيىپلا قالماي، يەنە ئۇيقۇ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇيقۇسىزلىقنى پەسەيتىشكە بەلگىلىك ياردىمى بولىدۇ، بىراق ھەسەلنىڭ تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى، شۇڭا بەدىنى بىر قەدەر سېمىز كىشىلەر دائىم ھەسەل يېيىشكە ماس كەلمەيدۇ.
图片
4- ياڭاق
ياڭاق بىر خىل ئوزۇقلۇق تەركىبى ئىنتايىن مول بولغان قاتتىق پوستلۇق مېۋە  بولۇپ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا ھەر كۈنى 2 ~ 3 تال يېسە، بەدەننى يېتەرلىك ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل بىلەن تەمىنلەپ، بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ياڭاق تەركىبىدىكى ترىپتوفان ۋە ئامىنو كىسلاتاسى يەنە چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، چوڭ مېڭىنىڭ نېرۋا ئىقتىدارىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئۇيقۇ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بەلگىلىك ياردىمى بولىدۇ.
图片
5- كالا سۈتى
كالا سۈتى تەركىبىدە ئاقسىل ۋە كالتسىي مول، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ترىپتوفان مول بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇشقا بەلگىلىك ياردىمى بولۇپلا قالماي، ئۇيقۇسىزلىقنى پەسەيتىشكىمۇ بەلگىلىك ياردىمى بار، شۇڭا دائىم ئۇيقۇسى كەلمەيدىغان كىشىلەر سۈتنى مۇۋاپىق ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.

图片

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Tori
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 161
粉丝 0
Qux Tori شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读28
粉丝0
内容161