چۈشىڭىزدە كىتاب ئوقۇش، سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئەرلەر چۈشىدە ئۆزى ياكى باشقىلارنىڭ كىتاب ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرسە، يېڭى بىلىمگە ئېرىشىدىغانلىقىدىن، خىزمەت ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغانلىقىدىن، كەسىپتە نەتىجە قازىنىدىغانلىقىدىن ياكى تۇرمۇشتا بىر مەزگىللىك مۇھەببەتكە ئېرىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە ئۆزىنىڭ بىر ياخشى كىتاب ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرسە، بۇ سىزنىڭ نام چىقىرىدىغانلىقىڭىزدىن، ئەقىل - پاراسىتىڭىزنىڭ ياخشىلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە ئەسكى كىتاب ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرسە، بۇ سىزنىڭ ئانچە ياخشى بولمىغان ئىشلارنى قىلىپ، نام-ئابرويىڭىزنى زىيانغا ئۇچرىتىشىڭىزدىن، ھەتتا يامان ئاتاققا قېلىشىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.
توي قىلغان ئەر چۈشىدە بىرسىنىڭ كىتاب كۆرۈۋاتقانلىقىنى كۆرسە، يەنە بەلكىم بالىلىق بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. كەلگۈسىدە بالىسى داڭلىق ئالىم بولۇپ، ئاجايىپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن.
ئەگەر چۈشىڭىزدە ئايالىڭىزنىڭ كىتاب كۆرۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىڭىز، ئۇزۇن ئۆتمەي خۇش خەۋەر تاپشۇرۇۋالىدىغانلىقىڭىزدىن، تۇرمۇش سۈپىتىڭىزنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئاياللار چۈشىدە بىرسىنىڭ كىتاب ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرسە، سىزنىڭ بىلىملىك ئىكەنلىكىڭىزنى، ئېرىڭىزنىڭ غېمىنى يەيدىغانلىقىڭىزنى، ئېرىڭىزنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.
توي قىلغان ئايال چۈشىدە كىتاب كۆرسە، بۇ بەلكىم كەلگۈسىدىكى قىزىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن تالانتلىق قىز ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئوقۇغۇچىلار چۈشىدە كىتاب ئوقۇسا، ئوقۇشتا ئۇتۇق قازانغانلىقىنى، ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ ئەلا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
توي قىلمىغان قىز چۈشىدە ئۆزىنىڭ كىتاب كۆرۈۋاتقانلىقىنى كۆرسە، بۇ كەلگۈسىدىكى ئېرىنىڭ بىلىملىك، ئەقىللىق ۋە قابىلىيەتلىك ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
سودىگەر چۈشىدە ئۆزىنىڭ كىتاب كۆرۈۋاتقانلىقىنى كۆرسە، بۇ سىزنىڭ ئۈنۈملۈك تىجارەت يولىنى تېپىپ، كۆز ئالدىڭىزدىكى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ، سودىڭىزنىڭ روناق تاپىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە دۈشمەننىڭ كىتاب ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرسە، رەقىبىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ ھەمدە قوللاشقا ۋە نام - ئاتاققا ئېرىشىدۇ. بۇ چۈش سىزگە ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، كۆپرەك تەييارلىق قىلىشنى ھەمدە ئۆزىڭىزنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاشنى ئەسكەرتىدۇ.
چۈشىڭىزدە تاشقا ئويۇلغان ماقالىنى ئوقۇپ چۈش كۆرسىڭىز، بۇ سىزنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئەقىل - پاراسەتكە ئىگە بولۇپ، جاھانغا داڭق چىقىرىدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە يەرگە يېزىلغان خەتلەرنى ئوقۇغاندا، باشقىلار لايىھىلىگەن سۇيىقەست قىلتىقىغا چۈشۈپ قېلىشتىن، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.


