چۈشىدە ئاپەت كەلسە، ئۆزىنىڭ بەختلىك بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە ئۆزىنىڭ بەختسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسە، ياخشى ئىشتىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە ئايالى ياكى بالىسى ئاپەتكە ئۇچرىسا، ئۆزى توسالغۇغا ئۇچرايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە باشقىلار بەختسىزلىككە ئۇچرىسا، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىگە ئامەت كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئارمىيە گېنېراللىرى چۈشىدە ئاپەت كۆرسە، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بىمار چۈشىدە ئاپەتنى كۆرسە، سالامەتلىكى ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە كۆرگەن چوڭ ئاپەتنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى ، چۈش كۆرگۈچىگە يېقىندا ناھايىتى ياخشى ئىش كېلىدىغانلىقىدىن، شۇنداقلا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە ئاپەت ئىچىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىسا، چۈش كۆرگۈچىنىڭ پىلانلاپ بولغان ئىشىدا ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، چۈشىڭىزدىكى پوزىتسىيە سىزنىڭ ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىڭىزنى بەلگىلەيدۇ، ئەڭ ياخشىسى پىلاننى ئەمەلدىن قالدۇرۇڭ.
سودىگەرلەرنىڭ چۈشىدە چوڭ ئاپەت يۈز بېرىشى سودىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى، مالىيە جەھەتتە خېلى كۆپ كىرىم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مەبلەغ سېلىش جەھەتتە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈش كېرەك.
ئاپەت تېخى يېتىپ كەلمىگەن چۈش، بۇ دائىم كۆرۈلىدىغان چۈش، ئاپەت چۈشىدە «ئەندىشە» ۋە «قىيىنچىلىق» قا سىمۋول قىلىنىدۇ، تۇرمۇشتا كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەرسە، سىزنىڭ ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان نۇرغۇن نەرسىلەردىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىڭىزدىن ياكى ئايرىلىپ قالغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ، ھېسسىياتقا ئۈچىنچى شەخس ئارىلىشىدۇ.


