大数跨境

راھەت مۇناسىۋەت مۇنداق بولىدۇ

راھەت مۇناسىۋەت مۇنداق بولىدۇ Qux Tori
2026-03-22
1

图片سىز بۇنداق ئەھۋالغا يولۇقۇپ باققانمۇ؟
تۇغقان يېقىنلار مۇنداقلا سوراپ قالدى:«سىز بىر ئايدا قانچە پۇل تاپىسىز؟ »
دوستىڭىزنىڭ كەينىڭىزگە كىرىۋېلىپ: «سىزنىڭ لايىقىڭىز قەيەرلىك؟ »دەپ سورىشى. 
يېقىنلىرىڭىزنىڭ دائىم سىزگە يول كۆرسىتىپ: «بۇ ئىشنى سىز مۇشۇنداق قىلىشىڭىز كېرەك! »دېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

ئۇلار ئېنىقلا سىزگە كۆڭۈل بۆلگەن بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىسىڭىز ئىختىيارسىز بىرخىل بىئاراملىق ھېس قىلىسىز. 
 
ئەمەلىيەتتە، ياخشى مۇناسىۋەتنىڭ ھەممىسىدە ئازراق «چېگرا تۇيغۇسى» بولۇشى كېرەك. خۇددى بىر-بىرىدىن ئىسسىنىشنى ئويلايدىغان ئىككى كىرپىگە ئوخشاش، بىر-بىرىگە بەك يېقىنلاشسا، بەدىنىدىكى تىكەنلەر بىر-بىرىگە سانجىلىپ كېتىدۇ، ئازراق ئارىلىق ساقلىسا، ئەكسىچە راھەت ھېس قىلىدۇ.

🌼«قىزىقىش»نى «پايلاش»قا ئايلاندۇرۇپ قويماڭ

ھەممە ئادەمنىڭ باشقىلارغا دېگۈسى يوق ئىشلىرى بولىدۇ. مائاشنىڭ ئاز-كۆپلۈكى باشقىلارنىڭ شەخسىيىتى، ھېسسىيات ھالىتى باشقىلارنىڭ ئەركىنلىكى، ئائىلىدىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى باشقىلارغا چۈشەندۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. دائىم باشقىلاردىن «نېمە ئۈچۈن»دەپ سوراپ يۈرمەڭ. 

🌼«سىزگە ياخشى بولسۇن دەيمەن»دېگەن سۆز بىلەن باشقىلارنى تۇتقۇن قىلماڭ
ھەربىر ئادەم يولىنى ئۆزى تاللايدۇ، سىز ياخشى دەپ قارىغان يول باشقىلارنىڭ ئېرىشكۈسى بولۇشى ناتايىن. تەكلىپ بەرسىڭىز بولىدۇ، لېكىن باشقىلارنى ئۆزىڭىزنىڭ ئويى بويىچە قىلىشقا مەجبۇرلىماڭ، باشقىلار گېپىڭىزنى ئاڭلىمىغانلىقى ئۈچۈن يۈز ئۆرۈمەڭ.


🌼كۆڭلىڭىزدە «باشقىلارنىڭ ئىشى»بىلەن «مېنىڭ ئىشىم»نى ئېنىق ئايرىڭ . 

 ئۇنىڭ كەيپىياتىنى ئۇ ئاستا-ئاستا ھەزىم قىلىدۇ، ئۇنىڭ تاللىشىغا ئۇ ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ «ئىشى»نى ياخشى باشقۇرۇپ، باشقىلارنىڭ «ئىشى»غا ئارىلاشمىسىڭىز، مۇناسىۋىتىڭىز ئاندىن ئەركىن-ئازادە بولىدۇ.


چېگرا تۇيغۇسى ياتسىرىشىش ئەمەس، بەلكى لايىقىدا بولۇشتۇر. خۇددى قوشنا ئولتۇرغانغا ئوخشاش، ئىشىك ياخشى يېپىلسا، ھەركىم تىنچ بولىدۇ؛  ئىشىك ئېچىلسا، ئۆزئارا غەمخورلۇق قىلىدۇ. بۇنداق ئارىلىق ئەڭ راھەت، شۇنداقلا ئەڭ ئۇزۇن بولىدۇ.

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Tori
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 161
粉丝 0
Qux Tori شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读28
粉丝0
内容161