كۆڭلىمىزدە ئېنىقلا باشقىلارنىڭ تەلىپىگە قوشۇلغۇمىز بولمىسىمۇ، ئەمما ئاغزىمىزدا ئېنىق رەت قىلالمايمىز؛ بىر يولنى تاللىغاندىن كېيىن، كېچىچە ئۇخلىيالماي، ئۆزىمىزدىن: «توغرا تاللىدىممۇ؟ »دەپ قايتا-قايتا سورايمىز. بىز ھەمىشە باشقىلارنىڭ نەزىرىدە «بولۇشقا تېگىشلىك ھالەت»تە ياشاشنى ئويلايمىز-يۇ، نەتىجىدە كۈنلىرىمىزنى ھارغىنلىق ۋە قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتكۈزىمىز.
ئەمەلىيەتتە، باشقىلار بىلەن ياخشى چىقىشىپ ئۆتۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۆزى بىلەن ياخشى چىقىشىپ ئۆتۈش كېرەك.
🌼كۆڭلىڭىزدىكى ئىككىلىنىشنى چەتكە قاقماڭ
بارغۇڭىز يوق يىغىلىشقا ئۆزىڭىزنى مەجبۇرلىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ چىقىرالمايدىغان قارار ئۈچۈن ئۆزىڭىزگە كۆپرەك ۋاقىت ئاجرىتىڭ.
زورلاپ قارار چىقارغاندىن كۆرە، ھېسسىياتىڭىزغا قۇلاق سالغان ياخشى، بۇنداق بولغاندا پۇشايمان قىلىش ئېھتىماللىقى ئەكسىچە تېخىمۇ كىچىك بولىدۇ.
🌼تۇرمۇشقا ئازراق «ۋاقىتلىق توختاش»بوشلۇقى قالدۇرۇڭ
پىلانلانغان ئىشنى تۇيۇقسىز قىلغۇڭىز كەلمىسە، ھېچقىسى يوق؛ تۈنۈگۈن تېخى قەتئىي ئىشەنگەن ئويىڭىزنىڭ بۈگۈن تەۋرىنىپ قېلىشىمۇ ناھايىتى نورمال ئىش. تۇرمۇش پويىز ۋاقىت جەدۋىلى ئەمەس، ھەربىر قەدەمنى توغرا بېسىشىڭىز ھاجەتسىز. ئاندا-ساندا ھاڭۋېقىپ قالسىڭىز، دىققىتىڭىز چېچىلسا، ئەكسىچە كۆڭلىڭىزدىكى چىگىش مەسىلىلەرنى ئاستا-ئاستا ھەل قىلالايسىز.
🌼«ئۆلچەملىك جاۋاب» بولۇپ ياشاش ھاجەتسىز
ئاياغنىڭ پۇتقا دەل كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى پەقەت ئۆزىڭىزلا بىلىسىز. قەدىمىڭىز بويىچە ئاستا ماڭسىڭىزمۇ، كۆڭلىڭىز خاتىرجەم بولسا، يولىڭىز تېخىمۇ مۇقىم بولىدۇ. چوقۇم باشقىلار كۆرسەتكەن ئۆلچەملىك ئجاۋاپ ئىچىدە ياشىشىڭىز ھاجەت ئەمەس.
تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئادەم بۇ ئۆمرىدە ئەڭ ياخشى بولۇشقا تېگىشلىك بولغىنى دەل ئۆزى. ئۆزى بىلەن يارىشىپ ئۆتەلىسە، ئورۇنسىز ئىككىلىنىش ۋە زىددىيەتكە پېتىپ قالمايدۇ، ئەتراپىدىكى ھەممە نەرسىمۇ سۆيۈملۈك بولۇپ كېتىدۇ.


