كۆڭۈلنىڭ ئازلىغانسىرى پاراڭلار يىراقلاشقانلىقىنى ھېس قىلىسەن بىراۋغا كەم بولۇپ قالساڭ مەيلى ھەرگىز ئارتۇق بولۇپ قالما
كۈلگەن چىرايلارنىڭ ھەممىسىنى خوشالكەن دېمە بەلكىم ئۇنىڭ يۈرىكى ئۆكسۈپ ئۆكسۈپ يىغلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن
قىيىن دەمسەن ئاۋايلاشنى ئۇ شۇنچىلىك ئاسانكى سېنىڭكىگە ئوخشاش بىر نازۇك قەلىبنىڭ ئۇنىڭدىمۇ بارلىقىنى ئەسكە ئالساڭ يىتەر
ئاددىغىنە بىر ئىنساننىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق بىر كۆڭلى بولىدۇ .ئۇنتۇماڭ مىھىر مۇھاببەتنى بازاردا ساتمايدۇ، بۇگۇن ياراتمىغان بىلەن ئۆزىڭىز بىلىسىز ئەتىسى تەلمۇرۇپ قىلىشىڭىز مۇمكىن
ئازاپ ۋە ئۇۋالچىلىقلار بولسا كىشلىك ھاياتتىكى ئەڭ قىممەتلىك سەرگۈزەشتە. بىر ئادەمنىڭ كۆڭۈل كۆكسىنىمۇ دەل ئاشۇ ئازاپ ۋە ئۇۋالچىلىقلار چوڭايتىۋېتىدۇ
سۆزمەننى كۆرۈپ ھەممىنى بىلەركەن دىمە ، بەلكىم قەلبى قۇرۇقتۇر ، سۆزسىزنى كۆرۈپ ھېچ بىلمەسكەن دىمە ، بەلكىم قەلبى بىر دېڭىزدۇر .


