大数跨境

بـۇ خـىل تـۇرۇپنىڭ سـز بـىلـمەيـدىغان شـىپالىق رولـى

بـۇ خـىل تـۇرۇپنىڭ سـز بـىلـمەيـدىغان شـىپالىق رولـى Qux Yixix
2026-01-25
0
图片

تۇرۇپ تەركىبىدە مول لىگنىن بولۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئادەم بەدىنىدىكى چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرىلىرىنى ياخشىلاپ، راك ھۈجەيرىلىرىنى يۇتۇۋېتىدۇ. تۇرۇپ تەركىبىدىكى مول ۋىتامىن C ۋە مولىبدېن ئېلېمېنتىنىڭ راك كېسىلىگە قارشى رولىمۇ بار. ۋىتامىن C نىتراتلارنىڭ بەدەندە بىرىكىپ راك پەيدا قىلىشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان نىتروزامىنغا ئايلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 


ئادەم بەدىنىدە مولىبدېن ئېلېمېنتى كەمچىل بولسا ئاسانلا جىگەر راكى ۋە قىزىلئۆڭگەچ راكىنى پەيدا قىلىدۇ. تۇرۇپ يەنە باش كېپەك بولۇش، باش تېرىسى قىچىشىش، يۆتىلىش ۋە بۇرنى قاناش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. 

图片

دائىم تۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، قاندىكى ماي ماددىسى تۆۋەنلەپ، قان تومۇر يۇمشاپ، قان بېسىم تۇراقلىشىدۇ، تاجسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قان بېسىم ۋە قان تومۇر قېتىشىش كېسەللىكلىرىگە ئالاھىدە مەنپەئەت قىلىدۇ. 

图片

تۇرۇپ بەدەندىكى راك پەيدا قىلغۇچى نىتروزامىنلارنى يوقىتىپلا قالماي، يەنە ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ، تال ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ، شۇنداقلا يۆتەل توختىتىشتىمۇ ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولغانلىقتىن، جۇڭگو تېبابىتىدە «بارلىق كېسەللىكلەرنىڭ شىپاسى» دەپ قارىلىدۇ .

图片

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Yixix
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 128
粉丝 0
Qux Yixix شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读49
粉丝0
内容128