大数跨境

يۈرەكنى ئاسرايدىغان ئىسىل يىمەكلىك

يۈرەكنى ئاسرايدىغان ئىسىل يىمەكلىك Qux Tori
2026-03-22
1
图片

ئەنگلىيە « كۈندىلىك تېز خەۋەرلەر گېزىتى » نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئەنگلىيە سالى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە ، كىشى كۈندە ئالتە قوشۇق كاۋا ئۇرۇقى يەپ بەرسە ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتەلەيدىكەن .

فوسفات تۇزى ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل مىنېرال ماددا بولۇپ ، قاندىكى باشقا مىنېرال ماددىلارنى تەڭشەشكە ياردەم بېرىپلا قالماستىن يەنە ئوكسىگېننى يۈرەكتىن بەدەننىڭ باشقا جايلىرىغا توشۇش جەريانىدىمۇ ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ ، شۇڭا يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقى قاندىكى فوسفات تۇزىنىڭ مىقدارى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ . 

تەتقىقاتچىلار 100 مىڭدىن ئارتۇق ئاغرىقنىڭ قېنىدىكى فوسفات تۇزىنىڭ مىقدارىنى بەش يىلدىن توققۇز يىلغىچە كۆزىتىش ئارقىلىق ، فوسفات تۇزىنىڭ ھەر بىر لىتىر قاندىكى مىقدارى بىر مىللىمولدىن 1.25 مىللىمولغىچە بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى ، بۇنىڭدىن يۇقىرى بولسىمۇ ياكى تۆۋەن بولسىمۇ يۈرەك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىغان. 

فوسفات تۇزىنى تولۇقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى تەركىبىدە فوسفات تۇزى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش. تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە ، كاۋا ئۇرۇقى تەركىبىدىكى فوسفات تۇزىنىڭ مىقدارى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ، ئوتتۇرىچە ھەر 100 گىرام كاۋا ئۇرۇقى تەركىبىدە 1.233 گىرام فوسفات تۇزى بولىدىكەن . 


كىشى كۈندە ئالتە قوشۇق كاۋا ئۇرۇقى يەپ بەرسە، بەدىنىنىڭ فوسفات تۇزىغا بولغان ئېھتىياجىنى قامدىيالايدىكەن.

  ساغلاملىق چىن ھۇزۇرىدىن باشلانغۇسى 

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Tori
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 161
粉丝 0
Qux Tori شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读28
粉丝0
内容161