
چۈشىدە دەريادىن ئۆتۈش دەريا قىرغىقىنىڭ بىر ئۇچىدىن يەنە بىر ئۇچىغىچە بولۇپ، كۆپ ھاللاردا تۇرمۇشنىڭ بىر باسقۇچتىن يەنە بىر باسقۇچقا كىرگەنلىكىگە ياكى سىناقلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ، ئۆزىدىن ھالقىش، قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىغا سىمۋول قىلىنىدۇ.
دەريا بەزىدە يەنە ئۆلۈمگە ياكى ھايات بىلەن ئۆلۈم ئوتتۇرىسىدىكى چەك - چېگراغا سىمۋول قىلىنىدۇ.
چۈشىدە شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان سۇ كۆپ خۇشاللىقنى ئىپادىلەيدۇ.
چۈشىدە دەريا سۈيى سۈزۈك ھەم قۇياش نۇرىدا چاقناپ تۇرسا، بۇ ئىقتىسادنىڭ باياشاتلىقىنى، كۆڭۈل ئېچىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
چۈشىدە غۇۋا دەريا ئېقىنىنى كۆرسە، ئەتراپىدا سەمىمىي بولمىغان دوستلارنىڭ بارلىقىنى، دوستلۇقنىڭ كۆلەڭگىسى، مۇھەببەتنىڭ ئەندىشىسى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
چۈشىڭىزدە دەريادا شارقىراتما بولسا، ئارزۇيىڭىزنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىدىن، خىزمىتىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق، ئۆگىنىشىڭىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغانلىقىدىن، تۇرمۇشىڭىزنىڭ كۆڭۈللۈك بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىڭىزدە دەريا سۈيىنىڭ ئەھۋالى، سىزنىڭ ئاۋارىچىلىققا يولۇقىدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ، ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن تەشۋىشلىنىسىز.
چۈشىڭىزدە دەريا سۈيىگە چۈشۈپ كەتسىڭىز، سىزنىڭ ئائىلە قىيىنچىلىقىغا دۇچ كېلىشىڭىز مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. ئەگەر چۈشىڭىزدە دەرياغا سەكرىسىڭىز، ياخشى ئويلىنىپ ئىش قىلىشىڭىزنى، ھاياجانلانماسلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.
چۈشىڭىزدە ئۆزىڭىزنى دەريا سۈيى ئېقىتىپ كېتىش ياكى دەريادا تۇنجۇقۇپ قېلىش سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزدا جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق ھازىرقى بېسىمنى يېنىكلىتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.
چۈشىڭىزدە دەرياغا كەلكۈن كېلىپ، ھەمدە سىزنى ئېقىتىپ كەتسە، سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلىڭ، يېقىندا ئاغرىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن؛ ياكى سىزگە مال - مۈلۈك زىيىنى بولۇشى مۇمكىن ئۆيلىنىش تۇرمۇشىدا كۆڭۈلسىزلىك بولمايدۇ.
ياش ئاياللار چۈشىڭىزدە دەريادا قولۋاق چايقىلىپ چۈشىسىڭىز، تۇرمۇشىڭىزنىڭ كۆڭۈللۈك ئىكەنلىكىنى، كەلگۈسىدىكى ئېرىڭىزنىڭ سىزگە ناھايىتى كۆيۈنىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.


