يېقىندا، بىر خەۋەر تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى، بۇ خەۋەرنىڭ«باش پېرسوناژى» دەل غولپىياز. خىلى ۋاقىتتىن بۇيان غولپىيازنىڭ باھاسى ئۆسمىدى، بەلكى بەزى شەھەرلەردىكى ئىستىمالچىلار شۇ جايدىكى نۇرغۇن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن غولپىياز پەيدا بولغانلىقىنى بايقىدى، ھەمدە بۇنداق غولپىيازنى سۈرتسىلا رەڭگى ئۆڭۈپ كېتىدۇ، دېدى.

تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 16 دانە پىياز ئەۋرىشكىسىنىڭ ئىچىدە، يەتتە تۈركۈم ئەۋرىشكىنىڭ مىس مىقدارى ئۆزىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبتىن يۇقىرى ئىكەنلىكى، بوردو سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىلگەنلىكى ئېنىقلاندى.

بۇ خىل ھادىسە قارىماققا ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇق كۆرۈنىدۇ، ئۇنداقتا« غولپىياز رەڭگى ئۆڭۈپ كىتىشى» راستتىنلا نورمالمۇ؟ ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلىشنىڭ ئادەم بەدىنىگە قانداق زىيىنى بار؟

01
نېمە ئۈچۈن غولپىيازنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ كېتىدۇ؟
غولپىيازنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ كېتىشى پەقەت رەڭلا بولۇپ قالماستىن، تېخىمۇ تۈپ سەۋەب« باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش دورىسى» دۇر.
ئالدى بىلەن بوردو سۇيۇقلۇقى، يەنى« كۆك زەمچە» ھەققىدە توختىلىمىز.
ئۇنىڭ خىمىيەلىك نامى« بەش گىدراتلىق مىس سۇلفات» بولۇپ، بىر دانە مولېكۇلالىق« سۇسىز مىس سۇلفات (ئاق رەڭلىك) » بىلەن بەش دانە« سۇ مولېكۇلاسى» بىرىككەندىن كېيىن« كۆك رەڭلىك ماددا» شەكىللىنىدۇ. « مىس سۇلفات + ئۆچۈرۈلمىگەن ھاك + سۇ» دىن كېيىن، بىر خىل« ھاۋا رەڭ يېلىمسىمان لەيلىمە سۇيۇقلۇق» شەكىللىنىدۇ، بۇ« بوردو سۇيۇقلۇقى» دەپ ئاتىلىدۇ.

غولپىيازغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بوردو سۇيۇقلۇقى ئەمەلىيەتتە بىر خىل« قائىدىگە ئۇيغۇن ھەم مۇنەۋۋەر باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش دورىسى» بولۇپ، ئۇنىڭ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولى ئاساسلىقى مىس ئىئونى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ، كۆپ خىل باكتېرىيەلەرنى« ئۆلتۈرۈش» رولىنى ئوينايدۇ.
بوردو سۇيۇقلۇقى ئۆسۈملۈكنىڭ يۈزىگە پۈركۈلۈپ چىققاندىن كېيىن بىر قەۋەت نېپىز پەردە ھاسىل قىلىدۇ، بۇ نېپىز پەردە بىرقەدەر مۇقىم بولۇپ، سۇغا يولۇققاندىمۇ ئاسانلىقچە ئېقىتىپ كەتمەيدۇ؛ ئۆسۈملۈكلەر كېسەللىك باكتېرىيەسى ھۈجەيرىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ھامان، نېپىز پەردە قويۇپ بەرگەن مىس ئىيونى مىكروب ئۆلتۈرۈش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش (داۋالاش) ۋە يېڭى پېتى ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئادەم ۋە چارۋىلارغا نىسبەتەن زەھىرى تۆۋەن، تەننەرخى تۆۋەن، دورىلىق ئۈنۈمى ياخشى، دورىغا قارشى تۇرۇشچانلىق پەيدا قىلمايدىغان، زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، يوپۇرمىقىنىڭ رەڭگى قېنىق يېشىل بولۇشتەك ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە.
شۇڭا، ئۇ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا كەڭ قوللىنىلماقتا (مېۋىلىك دەرەخ، كۆكتات، پاختا، كەندىر قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش) ، ئىشلىتىلىش تارىخى تەخمىنەن 100 يىلدىن ئاشىدۇ.

غولپىياز تەركىبىدە خىلوروفىل بار، ئەمما خىلوروفىلنىڭ يادروسى« ماگنىي ئىيونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پورفىرىن ھالقىسى (بىر خىل ھالقىسىمان قۇرۇلما) » ؛ ماگنىي ئىيونى بىرقەدەر جانلىق بولۇپ، ئاسان قېچىپ كېتىدۇ، خىلوروفىل ئاسان پارچىلىنىدۇ، غولپىياز يوپۇرمىقىدا« سارغايغان» ھالەتتە ئىپادىلىنىدۇ؛ مىس ئىيونى ماگنىي ئىيونىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ پورفىرىن ھالقىسىغا كىرگەندە، بۇ قۇرۇلما ئىنتايىن مۇقىم بولىدۇ، بۇ چاغدا مىس ئىيونى يېتەكچى قىلىنغان خلوروفىل يېشىل رەڭدە ئىپادىلىنىدۇ.
شۇڭا، مىس سۇلفات دائىم« رەڭ قوغدىغۇچى دورا» سالاھىيىتى بىلەن ئۆسۈملۈك ئەۋرىشكىسىنىڭ رەڭگىنى قوغداشقا ياردەم بېرىدۇ.

02
رەڭگى ئۆڭۈپ كىتىدىغان غولپىيازنى ئىستېمال قىلسا، ئادەم بەدىنىگە زىيىنى بارمۇ؟
مىس گەرچە ئېغىر مېتال بولسىمۇ، لېكىن ئويلىغاندەك ئۇنچە قورقۇنچلۇق ئەمەس.
مىس ئېلېمېنتى ئەمەلىيەتتە بىر خىل« ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان مىنېرال ماددا ئېلېمېنتى» بولۇپ، بەدەندە مىس كەم بولسا، ئاسانلا مىس كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق، يۈرەك قان تومۇرى زەخىملىنىش، مەركىزىي نېرۋا زەخىملىنىش، قوشقۇچى توقۇلمىلار ئىقتىدارى ۋە سۆڭەك ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئەمما، نۇرغۇن ئائىلىدە ئىستېمال قىلىنىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە مەلۇم مىقداردا مىس بولۇپ، كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكتە يېتەرلىك مىسقا ئېرىشكىلى بولىدۇ. شۇڭا، « مىس كەمچىل» بولۇش مەسىلىسى ئاساسەن مەۋجۇت ئەمەس.
ئەلۋەتتە، مىسنىڭ زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىنىشى بەدەنگە تەھدىت پەيدا قىلىدۇ.
كۈندىلىك بەدەنگە قوبۇل قىلىنىدىغان مىس مىقدارى 64 مىللىگرامدىن ئېشىپ كەتسە، ئاسانلا مىستىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كۆڭۈل ئېلىشىش، ئىچى سۈرۈش، قان سىيىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، مىس قوبۇل قىلىش مىقدارى نورمال قوبۇل قىلىش مىقدارىدىن 1000 ھەسسە ئېشىپ كەتكەندە ئاندىن جاننى ئالىدىغان خەۋپ-خەتەر بولىدۇ، بىر نەچچە تال غولپىياز ئىستېمال قىلسا زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئەمەس.

مېتال نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، مىسنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل« ئېغىر مېتال» ، لېكىن ئۇ ئارسېن، قوغۇشۇن قاتارلىق ئېلېمېنتلار بىلەن ئوخشاش« زەھەرلىك ئېغىر مېتال» ئەمەس.
رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن پىيازنى ئىستېمال قىلغاندا بەلگىلىك مىقداردا« قالدۇق» قېلىشى مۇمكىن، لېكىن بەدەنگە زىيانلىق.
بوردو سۇيۇقلۇقىنىڭ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش فاكتورى« مىس ئىيونى» بولۇپ، ئۇنىڭ يوشۇرۇن زەھەرچانلىقى ئەمەلىيەتتە مىس ئىيونىدىن ئىبارەت.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى« جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى مەلۇم تېما گۇرۇپپىسى» مىس سۇلفات ۋە بوردو سۇيۇقلۇقىغا قارىتا« ئىككىلەمچى ئاستا زەھەرلەش تەتقىقاتى» ئېلىپ بارغان بولۇپ، چاشقانلارنىڭ يەم-خەشىكىگە ئوخشىمىغان مىقداردىكى مىس سۇلفات ۋە بوردو سۇيۇقلۇقى قوشۇش ئارقىلىق، ئاخىرىدا چاشقانلارنىڭ مىس سۇلفاتقا قارىتا« ئەكس تەسىرى يوق ئەڭ چوڭ مىقدارى» 125 مىللىگىرام / كىلوگىرامدىن ئېشىپ كەتكەن، بوردو ئېرىتمىسىنىڭ« ئەكس تەسىرى يوق ئەڭ چوڭ مىقدارى» نىڭ ئېغىرلىقى 50 مىللىگىرامدىن ئېشىپ كەتكەن.

بۇ سانلىق قىممەتكە ئاساسەن « 100 ھەسسە بىخەتەرلىك كوئېففىتسېنتى» نى ئادەم بەدىنىگە سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا، مىس سۇلفات ۋە بوردو سۇيۇقلۇقىنىڭ بىخەتەرلىك مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1.25 مىللىگرام / كىلوگرام بەدەن ئېغىرلىقى بىلەن 0.50 مىللىگرام / كىلوگرام بەدەن ئېغىرلىقىدىن يۇقىرى بولىدۇ.
بەدەن ئېغىرلىقى 60 كىلوگىرام كېلىدىغان قۇرامىغا يەتكەنلەرنى مىسالغا ئالساق، بۇ مىقدار ئۇزاق مۇددەت ھەر كۈنى 75 مىللىگىرام مىس سۇلفات ياكى 30 مىللىگىرام بوردو سۇيۇقلۇقى قوبۇل قىلغانغا باراۋەر، بۇ مىقدارلارنىڭ ھەممىسى« بىخەتەر مىقدار» ھېسابلىنىدۇ.
ئالمىنى مىسال قىلىپ، بوردو سۇيۇقلۇقىغا پۈركۈلگەن ئالما (پوستى) نى ئۆلچىسەك، مىس سۇلفاتنىڭ ئوتتۇرىچە مىقدارى ھەر كىلوگىرامىدا 3.29 مىللىگرام بولىدۇ.

03
بۇنىڭدىن كېيىن يەنە مۇشۇنداق غولپىياز يېسە بولامدۇ؟
« رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن پىياز» قا يەنە ئوبيېكتىپ پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
بىرىنجىدىن، بوياشتىن زەھەرلىنىش ئۇنداق« ئېغىر» ئەمەس، نورمال ئەھۋالدا ئادەم بەدىنىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ.
ئالما شۆپىكىدىكى قالدۇق مىقدارغا ئاساسەن ھېسابلىغاندا، ھەر كىلوگىرام رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن غوپپىياز تەركىبىدىكى بوردو سۇيۇقلۇقى تەخمىنەن نەچچە مىللىگىرام بولۇپ، بۇ مىقدار بەدەنگە تەھدىت سالالمايدۇ.
لېكىن قانۇنسىز سودىگەرلەرنىڭ نورمىدىن ئارتۇق قوشۇش مەسىللىرىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.

ئىككىنچى، كۈندىلىك تۇرمۇشتا، غولپىياز كۆپىنچە« قورۇما تەييارلاش» شەكلىدە تاماق ئۈستىلىدە پەيدا بولىدۇ، كىشىلەرنىڭ بىر قېتىملىق قوبۇل قىلىش مىقدارى ئىنتايىن چەكلىك بولىدۇ، مىس سولفات ۋە بوردو سۇيۇقلۇقىنىڭ مىقدارىمۇ تەبىئىي ھالدا تېخىمۇ چەكلىك بولىدۇ، شۇڭا بەك ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق.
يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا، «رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن پىياز» ئۇنچە قورقۇنچلۇق ئەمەس، خاتىرجەم ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، مىقدارى مۇۋاپىق بولۇشى، بولۇپمۇ غولپىيازلارنىڭ ئارىلىقلىرىدىكى يېرىقلارنى پاكىز يۇيۇپ چىقىرىۋېتىپ، ئاندىن ئىشلىتىش كېرەك.


