بىز بەزىدە مۇنداق ئادەملەرنى ئۇچرىتىپ قالىمىز: ئۇلار باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ئېھتىمالى بولغان ھەرىكەتنى قىلىشتىن بۇرۇن، ئەمەلىيەتتە قارشى تەرەپنىڭ «قىممىتى»نى ئۆلچەپ باققان بولىدۇ.
ئۇلار ئۆز ھەرىكىتىنىڭ قارشى تەرەپكە زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلسىمۇ، يەنىلا قىلىشنى تاللايدۇ، ھەتتا ئىشتىن كېيىن تاتلىق سۆزلەر بىلەن مۇناسىۋەتنى داۋاملىق ساقلاشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ مەقسەتسىز ئەمەس، بەلكى «سىزنى يەنىلا پايدىلىنىشقا ئەرزىيدۇ»دەپ ھېس قىلغىنىدىن.
بۇنداق ئادەملەر ھېسابلاشقا ماھىر. ئۇلار ھەرىكەتكە كېلىشتىن ئىلگىرى، كۆڭلىدە سىزنىڭ مۇھىملىقىڭىز، كەڭ قورساقلىقىڭىز ۋە بۇ مۇناسىۋەتنىڭ ئۇلارغا قانچىلىك «پايدا»ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا تۇيدۇرماي باھا بەرگەن بولىدۇ. ئەگەر، سىزگە زىيانكەشلىك قىلىش بەدىلى قارىماققا ئانچە چوڭ بولمىسا ياكى ئىشتىن كېيىن كەچۈرۈم سوراش، ئالداش ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولسا، ئۇلار خەتەرگە داۋاملىق تەۋەككۈل قىلىشنى تاللايدۇ.
سىزمۇ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىنىشقا ئەرزىيسىز، ھەرگىزمۇ «پايدىسى تېگىدىغان»ۋاقىتتا ئاندىن ئېسىڭىزگە كېلىدىغان ئادەم بولۇپ قالماڭ…


