چۈشىڭىزدە شاۋقۇن ئاۋازنى ئاڭلىسىڭىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر مەيدان كىشىنى ۋەھىمىگە سالىدىغان قارا بوراننىڭ سىزگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىڭىز، سىز بارلىق كۈچىڭىز بىلەن ئىشنىڭ مەغلۇبىيىتى ۋە ھالاكىتىنى ئوڭشاش جەريانىدا ئازاب ۋە ئەندىشىنى باشتىن كەچۈرىسىز.

چۈشىڭىزدە ئۆزىڭىز تۇرغان ئۆينى قارا بوران يىرتىپ پارچە - پارچە قىلىۋەتسە، ئەمما سىز قورقۇنچلۇق قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تىرىشىپ - تىرمىشىپ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن خارابىلىقتىن بىر ئادەمنى قۇتقۇزۇپ چىقسىڭىز، بۇ سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنىڭ بىر قېتىملىق زور ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. سىز ئۆي كۆچىسىز، يىراق جايغا كۆچۈپ كېتىسىز، لېكىن سىز ئەڭ ئاخىرىدا ئائىلە ئىشلىرى ۋە ئىشلىرىڭىزنىڭ بۇنىڭلىق بىلەن ھېچقانداق ياخشىلانمىغانلىقىنى ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈلمىگەنلىكىنى بايقايسىز.
چۈشىڭىزدە قارا بوران كەتكەندىن كېيىن قېپقالغان خارابىلىكنى كۆرسىڭىز، بۇ ئاۋارىچىلىقنىڭ پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، لېكىن باشقىلارنىڭ كەسپىدىكى بۇرۇلۇش سىزنى ئاۋارىچىلىقتىن ساقلايدۇ ياكى ئاۋارىچىلىقنى پەسەيتىدۇ.
چۈشىڭىزدە بىرسىنىڭ قارا بوراننىڭ ھۇجۇمىدا يارىلىنىشى ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشى سىزنىڭ باشقىلارنىڭ بەختسىزلىكى سەۋەبىدىن ئىنتايىن ئازابلىنىدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.
بىمار چۈشىدە بوران - چاپقۇننى كۆرسە، سالامەتلىكى ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كېلىدۇ.
چۈشىدە قارا بوران چىقسا، ياخشى چۈش بولىدۇ، خۇشاللىق كەينى - كەينىدىن كېلىدۇ.
چۈشىدە كۆرگەن بوران - چاپقۇن ھېسسىياتنىڭ تۇيۇقسىز قويۇپ بېرىلىشى، قاتتىق غەزەپلىنىشى ياكى ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك پارتلاشقا سىمۋول قىلىنىشى مۇمكىن.
چۈشىدە بوران - چاپقۇن، تەھدىتتىن دېرەك بېرىدۇ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدا جىددىي ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن ، ئۇنىڭدىن باشقا مۇھەببەتنىڭ دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىشىدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.
چۈشتىكى شامال روھىي جەھەتتىكى شەيئىلەرگە سىمۋول قىلىنىدۇ، ئۆزى بەلكىم بەك ئەستايىدىل بولۇشى، بەلكىم ئۆزىنى قارشى قىرغاققا يېتەكلەيدىغان كۈچكە بەك ئەھمىيەت بېرىشى مۇمكىن.
سودىگەر چۈشىدە بوران - چاپقۇننى كۆرسە، ئامال قىلىپ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ، بېيىپ كېتىدۇ.
توي قىلمىغان ئايال چۈشىدە بوران - چاپقۇننى كۆرسە، ئۆيلىنىشتا ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولىدۇ، پۇلدارلار بىلەن ئەر - خوتۇن بولالايدۇ.


