ئادەم نېمىشقا ياش تۆكىدۇ؟
كۆزىمىزگە قۇم كىرىپ كەتسە، كۆزىمىزدىن ياش ئاقىدۇ؛ ئۇۋالچىلىق ھېس قىلساق، ئازابلانساق ئۆزىمىزنى تۇتۇۋالالماي ياش تۆكىمىز؛ خۇشال بولغان، ھاياجانلانغان چاغلاردىمۇ كۆزلىرىمىزدىن ياش چىقىپ كېتىشى مۇمكىن.
ئۇنداقتا تۇزلۇق ھەم ئاچچىق كۆز يېشى زادى قەيەردىن كەلگەن؟ نېمە ئۈچۈن كۆز يېشى ھېسسىياتنىڭ «ۋاكالەتچىسى» بولۇپ قالىدۇ؟ ئامېرىكا كۆز كېسەللىكلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ كۆز قارىشىغا ئاساسلانغاندا، كۆز يېشىنى ئۈچ خىلغا ئايرىشقا بولىدۇ.
ئاساسىي كۆز يېشى:
ئاساسىي كۆز يېشى ئادەم بەدىنىدە ئەڭ بۇرۇن پەيدا بولغان بىر خىل كۆز يېشى بولۇپ، ھامىلىنىڭ كۆزى شەكىللەنگەن ۋاقىتتىلا بار بولىدۇ. قوشۇمچە ياش بېزى ھەر ۋاقىت بۇ خىل كۆز يېشىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ، لېكىن «مەھسۇلات مىقدارى» ئاز بولغاچقا، كىشىلەر ئادەتتە ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلالمايدۇ.
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان 1/4 سېكۇنت ئىچىدە، ئاساسىي كۆز يېشى كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردە خالتىسىغا كىرىپ، كۆز ئالمىسىنىڭ سىرتقى يۈزىدىن ئۆتۈپ، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ئىستاكانسىمان ھۈجەيرىسى ئاجرىتىپ چىقارغان يېپىشقاق ئاقسىل، قاپاق تەخسىسى بېزى ۋە قاپاق گىرۋىكى ئاجرىتىپ چىقارغان ياغ ماددىسى بىلەن بىرلىكتە بىر قەۋەت نېپىز ياش پەردىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. كۆزنى ھەر قېتىم چىمچىقلاتقاندا، ياش پەردىسى يەنە بىر قېتىم يېڭىلىنىپ، كۆز سىرتىنىڭ سىلىقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، كۆز ئالمىسىنىڭ ئايلىنىشى جانلىق، ئەركىن بولىدۇ، مۈڭگۈز پەردە يۈزى سىيلىق، نازۇك بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن نۇرنىڭ تارقىلىشى ئازىيىپ، نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئاساسىي كۆز يېشىدىكى باكتېرىيە ئېرىتكۈچى ئېنزىم، لاكتوتېئىن ۋە ئىممۇنىتېت شارچە ئاقسىلى A قاتارلىق تەركىبلەر يەنە باكتېرىيەنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇپ، كۆز ئالمىسىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ.
رېفلېكسلىق كۆز يېشى:
كۆزگە چاڭ-توزان، قۇم-شېغىل ياكى ئىس-تۈتەك قاتارلىقلار كىرىپ كەتسە، مۈڭگۈز پەردىدىكى كىرپىكسىمان نېرۋىلار نورمالسىزلىقنى ھېس قىلىپ، ياش بېزىگە بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ-دە، تېز سۈرئەتتە كۆپ مىقداردا رېفلېكسلىق كۆز يېشى ھاسىل قىلىدۇ.
مەھسۇلات مىقدارى كۆپ ھەم باكتېرىيىگە قارشى تۇرالايدىغان كۆپ مىقداردىكى تەركىبلەر بولغاچقا، رېفلېكسلىق كۆز يېشى ياش بېزىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىش نەيچىسىدىن كۆز ئالمىسىغا ئېقىپ كىرگەندىن كېيىن، يات ماددىلارنى تېز سۈرئەتتە يۇيۇپ چىقىرىپ، كۆزنى ئاسرايدۇ.
ئارتۇق كۆز يېشى كۆزنىڭ ئىچكى بۇرجىكىدىكى ياش نۇقتىسى ئارقىلىق ياش نەيچىسىگە كىرىپ، ياش خالتىسىغا ئېقىپ كىرىدۇ، ئاندىن بۇرۇن ياش نەيچىسى ئارقىلىق بۇرۇن بوشلۇقىغا ئېقىپ كىرىپ چىقىپ كېتىدۇ. ئەگەر كۆز يېشى ئۈزلۈكسىز شەكىللەنسە، كۆپ مىقداردىكى كۆز يېشى كۆز چانىقىدىن ئېقىپ چىقىپ، «كۆز ياشلىرى بۇلاقتەك تۆكۈلگەن» ئەھۋالنى شەكىللەندۈرىدۇ.
ھېسسىيات تىپىدىكى كۆز يېشى:
نۆۋەتتە مەلۇم بولغان ھاياتلىق تۈرلىرى ئىچىدە ئىنسانلار ھېسسىيات تىپىدىكى كۆز يېشى قىلالايدىغان بىردىنبىر تۈر ھېسابلىنىدۇ. ئىنسانلار زىيادە قايغۇرغاندا، خۇشال بولغاندا، قورققاندا ياكى بېسىم ھېس قىلغاندا جىددىي كەيپىيات پاراسىمپاتىك نېرۋىنى ھاياجانلاندۇرۇپ، ياش بېزىگە بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ-دە، كۆپ مىقداردىكى كۆز يېشى دەرھال «زاۋۇتتىن چىقىدۇ».
ھېسسىيات تىپىدىكى كۆز يېشىنىڭ ئاقسىل مىقدارى ئاساسىي كۆز يېشىدىن %24 ئەتراپىدا يۇقىرى، شۇڭا ھېسسىيات سەۋەبلىك قاتتىق يىغلىغاندىن كېيىن كۆز ئاسانلا قىزىرىپ ئىششىيدۇ.
ئامېرىكا سان پاۋلو رېمسېي مېدىتسىنا مەركىزى روھىي كېسەللىكلەر تەجرىبىخانىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايقىشىچە، ئادەم يىغلىغاندىن كېيىن پاسسىپ كەيپىياتنى %40 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.
بەزى تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ھېسسىيات تىپىدىكى كۆز يېشىنىڭ تەركىبىدە بىر قەدەر يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى ھورمۇن بار ئىكەن، مەسىلەن، بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلاق ھورمۇنى، ئېندورفىن، كاتالىزاتور قاتارلىقلار، بۇ باشقا ئىككى خىل كۆز يېشىنىڭ تەركىبىدە يوق ئىكەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، ھېسسىيات تىپىدىكى كۆز يېشى بەدەندىكى مەيۈسلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خىمىيەلىك ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئاغرىقنى پەسەيتىپ، كەيپىياتنى ئازادە قىلىدىكەن.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، كىشىلەر دىققىتىنى بىر ئىشقا مەركەزلەشتۈرگەندە، مەسىلەن، يانفون ئوينىغاندا، كۆزنى چىمچىقلىتىش قېتىم سانى ئىختىيارسىز ئازلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋاقىت ئۇزارغانسېرى كۆز قۇرغاقلىشىش، چارچاش، كۆرۈش قۇۋۋىتى غۇۋالىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى كۆز يۈزىدە ئاساسىي كۆز يېشىنىڭ نەملىكى كەمچىل بولغانلىقىدىندۇر.




