چۈشتىكى ئۈزۈك مۇھەببەت، ئۆيلىنىشقا سىمۋول قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ۋەدە، قانائەتچانلىق مەنىسىمۇ بار، بەزىدە يەنە ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە سىمۋول قىلىنغان.
چۈشىدە ئۈزۈك سېتىۋالسا، ئۆيدە بىرسى توي قىلىدۇ.
چۈشىدە توي ئۈزۈكى، ھېسسىياتنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە توي ئۈزۈكىنى يىتتۈرۈپ قويسا، ئەر ـ خوتۇن ئوتتۇرىسىدا تالاش ـ تارتىش يۈز بېرىشى مۇمكىن، ياكى چۈشىدىكى ئادەمنىڭ تويى كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشى مۇمكىن دەپ دېرەك بېرىدۇ.
ئەگەر چۈشىدە بىرەيلەن ئۆزىگە ئۈزۈك سوۋغا قىلسا، ئامىتى كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بەلكىم نۇرغۇن كۈتۈلمىگەن پۇل - مال كىرىمى بولۇشى مۇمكىن.
توي قىلغان ئايال چۈشىدە ئالتۇن ئۈزۈك تاقاپ چۈشىسە، بالىلىق بولۇپ، چىرايلىق ئوغۇل تۇغىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
توي قىلمىغان ئاياللارنىڭ چۈشىدە ئالتۇن ئۈزۈك تاقىشى ناتونۇش كىشىلەر بىلەن بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈشۈپ قېلىپ، مۇھەببەت دېڭىزىغا غەرق بولدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
توي قىلغان ئەرلەر چۈشىدە ئۈزۈك كۆرسە، مۇھەببەتنى باشتىن كەچۈرىدىغانلىقىدىن ياكى مەلۇم ئىشنىڭ ئاخىرى كۆڭۈلدىكىدەك بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
توي قىلمىغان ئەرلەر چۈشىدە ئالتۇن ئۈزۈك تاقاپ چۈشىسە، كۆڭلىدىكى ئادىمىنى خوتۇنلۇققا ئالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
توي قىلمىغان ئەرلەر چۈشىڭىزدە ئاياللارغا ئۈزۈك تاقاپ قويۇپ چۈشىسىڭىز، بۇ سىزنىڭ بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالىدىغان مۇھەببەتكە ئۇچرايدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.


