
سوغۇق ھاۋادا بىر چىنە ئىسسىق قوي گۆشى شورپىسى ئىچسە ئادەم راھەتلىنىپ قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قوي گۆشىنىڭ گۆشى يۇمشاق، تەمىمۇ ياخشى بولۇپلا قالماي، يەنە ئىسسىقلىق ئارقىلىق قۇۋۋەت تولۇقلاش رولىغا ئىگە بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى.
قوي گۆشىگە كەلسەك، كۆپچىلىك قوي گۆشى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن راستتىنلا توغرا سېتىۋالالمدۇ؟

ئەمەلىيەتتە قوي گۆشى سېتىۋېلىشتىمۇ ماھارەت كىتىدۇ، بەزى ئەقىللىق كىشىلەر قوي گۆشى سېتىۋالغاندا، مەخسۇس تۆۋەندىكى بەش ئورۇننى تاللايدۇ، تۆۋەندە بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى؛

01
قوي گۆشى سېتىۋالغاندا، ئەقىللىق كىشىلەر مەخسۇس مۇشۇ بەش ئورۇننى تاللايدۇ
1. قوي قوۋۇرغىسى
كۆپچىلىك ئادەتتە يەيدىغان قاقلانغان قوي قوۋۇرغىسى مۇشۇ ئورۇندىكى گۆشتىن پىشۇرىلىدۇ، قوي قوۋۇرغىسىدىكى گۆش ئىنتايىن يۇمشاق، ئۇنىڭ ئۈستىگە سېمىز ۋە ئورۇق بولسىمۇ ناھايىتى تەملىك بولىدۇ. ئۆيگە ئېلىپ كەلگەن قوي قوۋۇرغىسىنى كاۋاپ قىلىپ يېگىلى، شورپا قىلىپ ئىچكىلى بولىدۇ.

2. دۈمبە گۆش
نۇرغۇن كىشىلەر قوينىڭ دۈمبە گۈشىنىڭ پۈتۈن قوينىڭ گۆشى ئىچىدىكى ئەڭ يۇمران بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئۇ قوينىڭ بوينى ۋە ئومۇرتقىسىنىڭ ئىككى يېنىغا جايلاشقان ئورۇندىكى گۆش بولۇپ، قوينىڭ بېشى بىلەن بولغان ئارىلىقى بىر قەدەر يېقىن بولغاچقا بۇ ئورۇندىكى قوي گۆشىدە سېمىز گۆش يەنى ماي ئاز، يۇمشاق گۆش كۆپ بولۇپ، ساماۋەر شورپىسى ۋە كاۋاپ قىلىشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ.

3. بويان گۆش
ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى قوينىڭ بوينىدىكى گۆش بولۇپ، بۇ يەردىكى گۆشمۇ ئىنتايىن تەملىك. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن كۆپچىلىككە قوي بوينى گۆشى سېتىۋېلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز؟
بۇ گۆش تەركىبىدە ياغ ئاز، ئورۇق گۆش كۆپ، تەمى ناھايىتى مەززىلىك بولغاچقا، قىيما قىلىپ قوي گۆشى جۇۋاۋىسى ۋە قوي گۆشى كۇمۇلىچى قىلىشقا ناھايىتى ماس كېلىدۇ. لېكىن كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، قوي بوينى گۆشىنى يۇغاندا كۆپرەك يۇيۇپ، ئىچىدىكى ئۇيۇپ قالغان قاننى پاكىز يۇيۇش كېرەك، بۇنداق يېگەندە تېخىمۇ خاتىرجەم بولغىلى بولىدۇ.

4. قوي ئۇمۇرتقىسى
قوي ئومۇرتقىسىمۇ ئوخشاش قوي ۋە كالىلارنىڭ بەدىنىدىكى ئەڭ ياخشى گۆش. بىر پۈتۈن قوينىڭ ئومۇرتقا گۆشىنىڭ مىقدارى ناھايىتى ئاز بولغاچقا، شۇڭا باھاسىمۇ نىسبەتەن قىممەت، لېكىن قوي ئومۇرتقىسىنىڭ گۆشى ھەقىقەتەن يېيىشلىك، تەملىك، تەركىبىدە مول ئاقسىل ۋە سېللۇلوزا بار ، ياغ مىقدارى بىرقەدەر تۆۋەن، قورۇپ يېيىش ۋە ھەرخىل ئۇسۇلدا پىشۇرۇپ يىگەندە ناھايىتى تەملىك.

5. پاچاق گۆش
ئەڭ ئاخىرىدا تونۇشتۇرىدىغىنىمىز پاچاق گۆشى، قوي گۆشى مەيلى ئالدى پۇتى گۆشى ياكى ئارقا پۇتى گۆشى بولسۇن ھەممىسى ناھايىتى ياخشى، ئالدى پۇتى گۆشىدە ياغ بىر قەدەر كۆپ، دۈملەپ پىشۇرۇشقا ماس كېلىدۇ، ئارقا پۇتى گۆشى ئالدىنقى پۇتى گۆشىدىن تېخىمۇ ياخشى، ئورۇق گۆش بىر قەدەر كۆپ، كاۋاپ قىلسا ھەم مەززىلىك، ھەم يۇمشاق بولىدۇ. كۆپچىلىك ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن قوي پاچىقى گۆشىنى تاللىسا بولىدۇ.

02
قوي گۆشى سېتىۋېلىش ماھارىتى
1. قوي گۆشىنى سىلىغاندىكى قول سېزىمى
بارماقلار بىلەن قوي گۆشىنى سىلاش، ئەگەر قوي گۆشىدە سۇ تامچىلىرى بار بولسا، سەل يېپىشقاق بولسا، ئۇنداقتا بۇ قوي گۆشى ياخشى ئەمەس، بەلكىم سۇغا چىلانغان بولۇشى مۇمكىن، بۇنداق قوي گۆشىنى سېتىۋالماسلىق كېرەك.

2. قوي گۆشىنىڭ پۇرىقى
قوي گۆشىنى پۇراپ بېقىش، ئەگەر قوي گۆشى پۇرىقى بەك كۈچلۈك بولسا سېتىۋالماسلىق كېرەك، بۇنداق قوي گۆشى بەك ئۇزۇن تۇرۇپ كەتكەن بولىدۇ، يېڭى قوي گۆشى پۇرىقى بىر قەدەر سۇس بولىدۇ.

3. قوي گۆشىنىڭ رەڭگىگە قاراڭ
ئەڭ ئاخىرقى بىر ماھارەت شۇكى، قوي گۆشىنىڭ رەڭگىگە قاراش كېرەك، ئەلا سۈپەتلىك قوي گۆشىنىڭ رەڭگى ئوچۇق قىزىل ياكى ھال رەڭدە بولىدۇ، ئورۇق-سېمىز ئارىلىقىدا ناھايىتى پارقىراق بولىدۇ، ئەگەر قوي گۆشى قارامتۇل قىزىل ياكى سەل ئاق رەڭدە بولسا، ئۇنداقتا بۇ خىل قوي گۆشى يېڭى بولماسلىقى مۇمكىن، سېتىۋالماسلىق كېرەك.



