
چۈشتىكى ئىت ئوغرىدىن ساقلىنىدۇ، ئوغرى دېگىنىمىز، قەلبىدىكى ئەخلاقسىز ئارزۇ - ئارمان ۋە نىيەتنى كۆرسىتىدۇ، ئىت ئادەتتە كىشىلەر دەيدىغان ۋىجدان.
چۈشىڭىزدە ئىتنىڭ قاۋىغان ئاۋازىنى ئاڭلىسىڭىز ، دۈشمەن سىزنى پاراكەندە قىلماقچى بولۇشى مۇمكىنلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، سىز زىيانكەشلىك قىلغان ئادەمگە ئېھتىيات بىلەن تاقابىل تۇرۇڭ، چۈنكى ئۇلار ھەر ۋاقىت سىزدىن ئۆچ ئېلىشى مۇمكىن.
چۈشىدە ئىت ئۆزىنى چىشلىۋالسا، دوستلىرى بىلەن پىكىر ئىختىلاپى يۈز بېرىپ، يالغۇز قالىدۇ.
چۈشىڭىزدىكى ئىت سىزگە ناھايىتى دوستانە مۇئامىلە قىلسا، بۇ سىزنىڭ دوستلىرىڭىز بىلەن ناھايىتى ئىناق ئۆتىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.
چۈشىڭىزدە سورتلۇق ئىتقا ئىگە بولسىڭىز، بۇ سىزنىڭ مول بايلىققا ئىگە بولىدىغانلىقىڭىزغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
چۈشىڭىزدە بىر ئوۋ ئىتى سىزنى قوغلاۋاتقان بولسا، سىز بەلكىم ئېزىقتۇرۇشقا ئۇچرىشىڭىز مۇمكىن، ئەگەر سىز قارشىلىق كۆرسەتمىسىڭىز، شەرمەندە بولۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىسىز.
چۈشىدە ئىتنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىغا قاتناشقانلىقىنى كۆرۈش، تەقدىرنىڭ سىزگە بولغان شاپائىتى ۋە ئۈزلۈكسىز ئىلتىپاتىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە ئىتنىڭ تۈلكىنى قوغلاۋاتقانلىقىنى ياكى باشقا چوڭ تىپتىكى ئوۋ ئوۋلاش پائالىيەتلىرىدە چېپىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرسە، ھەممە ئىشنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە ئورۇق، مەينەت ئىت، كەسىپتە مەغلۇپ بولۇش ۋە بالىسىنىڭ ئاغرىپ قېلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە ئۆزى تونۇيدىغان ئىتنى كۆرۈش، چۈش كۆرگۈچىنىڭ گۈزەل ئەسلىمىسىنى ئىپادىلەيدۇ.
چۈشىدە ئىتنىڭ ئۆزىگە ئەگەشكەنلىكىنى كۆرسە، چۈش كۆرگۈچىنىڭ مۇھەببەتكە بولغان ساداقىتىگە سىمۋول قىلىنىدۇ، خۇددى ئىتنىڭ ئىنسانلارغا بولغان ساداقىتىگە ئوخشاش.
چۈشىدە تېز يۈگۈرەيدىغان ئوۋ ئىتىنى كۆرسە، چۈش كۆرگۈچىنىڭ بۇ خىل ئىتقا ئېرىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى، شۇ ئارقىلىق ئۆزى بېكىتكەن نىشانغا يېتىشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
چۈشىدە بىر توپ لالما ئىتلارنى كۆرسە، چۈش كۆرگۈچىلەرنىڭ بۇ خىل ھايۋانلاردىن قورقىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈردۇ.
چۈشىدە ئېسىل ئەرمەك ئىتنى كۆرسە، لېكىن ئىتنىڭ ئىگىسى بەك شەخسىيەتچى بولسا، مۇھەببەتنىڭ ئىپادىلىنىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. ياش قىزلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنىڭ قۇرۇق سۆلەت بەگزادە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە تېنى غايەت زور بىر ئوۋ ئىتىنى كۆرۈپ قورقۇنچ ھېس قىلىش سىزنىڭ ئاددىي تۇرمۇشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىڭىزنى، نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر ئايال كىشى بۇ چۈشنى كۆرگەن بولسا، ئۇ ئەقىل - پاراسەتكە تولغان مېھرىبان ئادەمگە ياتلىق بولىدۇ.
چۈشىڭىزدە ئىتنىڭ غەزەپ بىلەن ھۆركىرىگىنىنى ئاڭلىسىڭىز، سىزنىڭ مەككار ئادەملەر تەرىپىدىن ئالقىنىدا ئوينىتىلىدىغانلىقىڭىزدىن ياكى ئائىلىدىكى ئىناقسىزلىق سەۋەبىدىن ئازابلىنىدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە بىر ئىتنىڭ تەنھا قاۋىغان ئاۋازى ئاڭلانسا، بۇ ئۆلۈمدىن دېرەك بېرىدۇ ياكى دوستىنىڭ يىراقلىشىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىڭىزدە ئىتلارنىڭ ھۆركىرىگەن ئاۋازىنى ئاڭلىسىڭىز، بۇ سىزنىڭ دۈشمەن تەرىپىدىن مەغلۇپ بولىدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ، سىزنىڭ ھاياتىڭىزمۇ مەيۈسلۈك ۋە ئۈمىدسىزلىككە تولغان بولىدۇ.
چۈشىدە مۈشۈك بىلەن ئىت قارىماققا تىنچ بىللە تۇرغاندەك كۆرۈنسە، ئاندىن تۇيۇقسىز چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ قارشى تەرەپكە بۇرۇلۇپ ،ئارقىدىنلا ئېلىشىشقا باشلىسا، بۇ سىزنىڭ مۇھەببەت ۋە باشقا ئۆرپ - ئادەتكە ئىنتىلىشتە ئاۋارىچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ .
چۈشىدە بىر دوستانە ئاق ئىت سىزگە يېقىنلاشسا، بۇ مۇھەببەت ئىشلىرىدا قوش مول ھوسۇل ئېلىشتىن دېرەك بېرىدۇ. ئاياللارغا نىسبەتەن، بۇ چۈش يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئۆيلىنىشنىڭ ئالامىتى.
چۈشىڭىزدە بىر ئىتنىڭ نۇرغۇن بېشى بار بولسا، بۇ سىزنىڭ بىرلا ۋاقىتتا كەسىپتە نۇرغۇن تەرەپلەرنى تىرىشىپ ساقلاپ قالغانلىقىڭىزنى، پەقەت زېھنىڭىزنى مەركەزلەشتۈرگەندىلا ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ. ھەر قايسى تەرەپلەردە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئويلايدىغان ئادەم بۇ چۈشنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
چۈشىدە بىر غالجىر ئىتنى كۆرسە، بۇ سىزنىڭ ھەرقانچە زور تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىزمۇ ئۆزىڭىز ئېرىشمەكچى بولغان نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا بەدىنىڭىزدىكى مۇھىم ئەزالارنىڭ ئەجەللىك كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر غالجىر ئىت سىزنى چىشلىۋالسا، سىز ياكى سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنىڭ بىرى روھىي جەھەتتىن ۋەيران بولىدۇ، بۇ ھەسرەت چېكىدىغان تراگېدىيە پات ئارىدا يۈز بېرىدۇ.
چۈشىڭىزدە ئۆزىڭىز يالغۇز بىر ئىتنى ئېلىپ ساياھەت قىلسىڭىز، بۇ سىزنىڭ سەمىمىي دوستىڭىز ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كەسپىڭىزنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە ئىتنىڭ خۇشال سۇ ئۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرسە، بۇ قول بىلەن تۇتقىلى بولىدىغان بەخت ۋە ئامەتتىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىڭىزدە ئىت سىزنىڭ ئالدىڭىزدا بىر مۈشۈكنى چىشلەپ ئۆلتۈرۈپ قويسا ، بۇ پۇل تاپىدىغان سودا ۋە ئويلاپ باقمىغان خۇشاللىقتىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىڭىزدە ئىتنىڭ سىزنىڭ ئالدىڭىزدا بىر يىلاننى ئۆلتۈرگەنلىكىنى كۆرسىڭىز، بۇ ئامەتتىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىڭىزدە ياۋۇز ئىتنى كۆرسىڭىز، سىز بىلەن دوستىڭىز ئوتتۇرىسىدا ئىناقسىزلىق بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ ياكى دوستىڭىزغا تايىنىشقا ئەرزىمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
چۈشىدە ئىت ئۆزىگە قاراپ قاۋىسا ، بۇ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، يېقىنقى مەزگىلدە ئەڭ ياخشىسى چىقىشالمايدىغانلار بىلەن يالغۇز ئۆتۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.
چۈشىدە ئىتنىڭ قاۋىغىنىنى كۆرۈش، سىزنىڭ باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىش جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىڭىزدىن، ياخشى كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئىگە بولالايدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئەگەر چۈشىدە ئىتنىڭ قاۋىغىنىنى كۆرسە، ئادەمنى غەمكىن قىلىدىغان خەۋەردىن دېرەك بېرىدۇ، قىيىنچىلىق تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىنمۇ كۆپ چوڭ بولۇشى مۇمكىن.
ئىتنىڭ ئۇرۇشۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈش، سىزنىڭ دوستلار ئارىسىدىكى ماجىرانى مۇرەسسە قىلىشىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ، ئۇسۇلغا دىققەت قىلىڭ.
چۈشىدە ئىككى ئىتنىڭ بىر - بىرى بىلەن ئوينىشى مۇھەببەت جەھەتتە كۈتۈلمىگەن ئىلگىرىلەش بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن كۆرەڭلەپ خۇدىنى يوقىتىپ قويۇشقا، يېنىكلىك قىلىشقا بولمايدۇ، بولمىسا قارشى تەرەپنى ئاسانلا بىزار قىلىدۇ.
ئەگەر چۈشىڭىزدە ئىت ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ بولسا، ھوقۇقى ۋە كۈچى بار دوستلارنىڭ سىزنى قوغدىشىغا سىمۋول قىلىنىدۇ.
ئەگەر چۈشىڭىزدە كۆرگىنىڭىز كۈچۈك بولسا، باشقىلار سىزنىڭ ياردىمىڭىزگە مۇھتاج بولۇشى ياكى قوشنىلار، خىزمەتداشلار، ساۋاقداشلار بىلەن بەزى كىچىك ئىشلار ئۈچۈن تالاش - تارتىش قىلىشىڭىز مۇمكىن.
چۈشىڭىزدە ئىت ئۆزىڭىزگە قاراپ كېلىۋاتقان بولسا، بۇ سىزنىڭ دوست تۇتىدىغانلىقىڭىزدىن، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ياكى ھالقىلىق پەيتتە دوستىڭىزنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە توكۇر ئىتنى كۆرۈش، دوستىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىڭىزدە دوستانە بولمىغان ئىتنى كۆرسىڭىز، سىزنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋىتىڭىزنىڭ يامانلىشىپ كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە ئىتنىڭ قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتقىنىنى كۆرسە، بەلكىم بەزىلەر سىزدىن بەزى ھەقىقىي ئەھۋاللارنى يوشۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، باشقىلارنىڭ سېتىۋېتىشىدىن ئېھتىيات قىلىڭ.
چۈشىدە غالجىر ئىت پەيدا بولسا، كۈتۈلمىگەن ۋەقەگە دۇچ كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بولۇپمۇ قاتناش ۋەقەسىگە دىققەت قىلىش كېرەك.
چۈشىدە ناھايىتى چوڭ ئىتنى يېتىلەپ سەيلە قىلىش سىزنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋىتىڭىزنىڭ ياخشى، دوستلۇقىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىكەنلىكىنى، يېڭى - كونا دوستلىرىڭىز بىلەن ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.
چۈشىڭىزدە ئىتنىڭ تاماق يەۋاتقانلىقىنى كۆرسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق، تۇرمۇشىڭىزنىڭ تىنچ-مۇقىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
چۈشىدە ئىتنىڭ كىچىك تەرەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈش، سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزدە مەسىلە كۆرۈلۈشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. سالامەتلىك ئەھۋالىڭىزنىڭ ناچارلىشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراشقا دىققەت قىلىڭ.


