大数跨境

يازدا تاماقتىن كىيىن بىر قاچا ئىچىڭ ، بەدەندە ماي قالمايدۇ

يازدا تاماقتىن كىيىن بىر قاچا ئىچىڭ ، بەدەندە ماي قالمايدۇ Qux Tori
2025-07-21
1

图片يازدا ئەڭ كۆپ كۆرىلىدىغان چىرايلىق مەنزىرە گۈل نىلۇپەر ، ئۇپۇققاتۇتاشقان ، كۆل يۈزىنى بىر ئالغان نىلۇپەر، ئەمىلىيەتتە نىلۇپەر چىرايلىق بولۇپلاقالماي ، ئۇنىڭ يۇپۇرمىقى ، چىنىسىنىڭ ئۈنۈمىمۇ ئىنتايىن ياخشى .

نىلۇپەر يۇپۇرمىقىنىڭ ئۈنۈمى : - « ئاسمانغا تۇتاشقان نىلۇپەر يۇپۇرمىقى ئىنتايىن كۆك » بۇ يەردە دىيىلىۋاتقىنى نىلۇپەرنىڭ يۇپۇرمىقىنىڭ چىرايلىق بولۇپلا قالماي ، يەنە ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ئىستىمال ئۈنۈم قىممىتىگە ئىگە ئىكەنلىكى .

图片

ئىسسىقنى ھەيدەيدۇ : - نىلۇپەر يۇپۇرمىقىدا چاي دەملەپ ئىچكەندە ، تەمى ئىنتايىنتەملىك بولۇپ ، بەدەندىكى ئىسسىقنى ھەيدەيدۇ ، گالنى سىلىقلايدۇ،ئۇ يازدا ئىچىشكەتىگىشلىك بولغان ئىنتايىن ياخشى سوغۇقلۇق چايدۇر .

图片

نىلۇپەر يۇپۇرمىقىدىن سوغۇق چاي ياساش ئىنتايىن ئاددىي ، بىر تال نىلۇپەر يۇپۇرمىقىنى ئېلىپ ، ئارتۇق قىسمىنى كېسىۋېتىپ ، يىلتىز ئەتراپىدىكى يۇپۇرمىقىنى ئۇششاقلاپ ئىستاكانغا سالىمىز .

图片

ئىستاكانغا ئاز مىقداردا چاي سېلىپ ، قايناقسۇقۇيۇپ ، يېرىم سائەتتىن كىيىن ئىستىمال قىلساق بولىدۇ ، مانا بىر ئىستاكان نىلۇپەريۇپۇرمىقى چېيى تەييار بولدى .

图片

قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىدۇ : - نىلۇپەر يۇپۇرمىقى تەركىبىدىكى بىئولوگىيىلىك ئىشقار ئادەم بەدىنىدىكى ماينى پارچىلايدۇ ھەم ماينى بەدەن سىرتىغا چىقىرىدۇ ، دائىم نىلۇپەر چېيىنى ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە ، ماينىڭ بەدەنگە سۈمۈرىلىشىنى ئازايتىدۇ ، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىدۇ .

图片

يۈرەك قان تومۇر كېسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەم داۋالايدۇ : - نىلۇپەر يۇپۇرمىقى تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدىغان ئىنتايىن كۈچلۈك بىرىكمىللەر بار بولۇپ ، نىلۇپەر يۇپۇرمىقى چېيىنى دائىم ئىچىپ بەرگەندە ، قاندىكى ئەركىن رادىكالنى تازلاپ ، ئەركىن رادىكالنىڭ قان تومۇر دىۋارىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرتىشىنى ئازايتىدۇ ، نىلۇپەر يۇپۇرمىقىنىڭ قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش رولى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنى تۆۋەنلىتىدۇ .

图片

ئورۇقلىتىدۇ : - نىلۇپەر يۇپۇرمىقىدىكى كۆپ خىل بىئولوگىيىلىك ئىشقار ماينىڭ ئادەم بەدىنىگە سۈمۈرىلىشىنى ئازايتىدۇ ، نىلۇپەر چېيىنى ئىچىپ بەرگەندە ، ئادەم بەدىنىنىڭ ماينى سۈمۈرۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ ، ئورۇقلىتىدۇ ، شۇڭا نىلۇپەر يۇپۇرمىقى چېيى يازدا ئورۇقلىتىدىغان ئەڭ ياخشى دورا .

图片

ئۈچەينى سىلىقلاپ ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ : - نىلۇپەر يۇپۇرمىقىدىكى مول بولغان نىلۇپەريۇپۇرمىقى ئىشقارى ئىسسىق ئوتۇپ قېلىشنى داۋالاپ تېمپىراتۇرىنى تۆۋەنلىتىدۇ ، يۈرەكنىڭ ھەم جىگەرنىڭ ئىسسىغىنى پەسەيتىدۇ ، دائىم نىلۇپەر يۇپۇرمىقى چېيى ئىچىپ بەرگەندە ، ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ ، ئۈچەي ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .

图片

نىلۇپەر ئۇرۇقىنىڭ ئۈنۈمى

 نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇپ ، يۈرەكنى ئاسرايدۇ : - يازدا نىلۇپەر ئۇرۇقى يەپ يۈرەكنى ئاسراش ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىزدۇر ، نىلۇپەر ئۇرۇقىنىڭ ئوتتۇرىدا بىر تال يېشىل رەڭلىك ئۈزەك باربولۇپ ، ئۇ نىلۇپەر ئۇرۇقىنىڭ يۈرىگى دىيىلىدۇ ، ئۇنىڭ تەمى ئىنتايىن ئاچچىق بولسىمۇ ، لىكىن يۈرەكنى ئاسراش ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى ، ھەركۈنى 5-6 تال نىلۇپەرئۇرۇقىنى چايدا دەملەپ ئىچسە ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ .

图片

راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ، راكقا قارشى تۇرىدۇ : - راك كېسىلى ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ساغلاملىق قاتىلى . نىلۇپەر ئۇرۇقىنىڭ تەركىبىدە ئوكسىدلانغان بىر خىل ئىشقار بار بولۇپ ، بەش ئەزانىڭ يىتەرسىزلىكىنى تۇلۇقلايدۇ ، بەدەندىكى قاننىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ ، شۇڭا نىلۇپەر ئۇرۇقىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

图片

يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ : - نىلۇپەر ئۇرۇقى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ، كۆزنى رۆشەنلەشتۈرۈش ئۈنۈمى بار، ئائىلىدە كىچىك بالا بولسا نىلۇپەر ئۇرۇقى شورپىسىنى كۆپ ئىچكۈزسە ، بالىنىڭ كۆزىنى ساغلام قىلىدۇ .

图片

قان شىكىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ : - نىلۇپەر ئۇرۇقىنىڭ چاپلاشما تەنچىسى ، كونىلار دەيدىغان « نىلۇپەر كىيمى » دۇر، ئۇنى ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ چاي دەملەپ ئىچسە ئىنتايىن ياخشى بولغان قان شىكىرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە ، دىئابىت كېسەللىرىنىڭ ئىچىشىگە ئەڭ ماس كېلىدىغان ساغلاملىق تىپىدىكى ئىچىملىكتۇر ، ئۇنىڭدىن باشقا نىلۇپەر ئۇرۇقىنىڭ چاپلاشما تەنچىسىىنى ناۋات بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچسە ، ئۇنىڭ ئۇيۇپ قالغان قاننى تارقىتىش ئۈنۈمى بار .

图片

نىلۇپەر يۇپۇرمىقىغا ئورالغان تاماق 

ماتىرىيال : نومى گۈرۈچى 500گىرام ، توخۇنىڭ تۆش گۆشى 500 گىرام ، نىلۇپەر ئۇرۇقى 100 گىرام ، تۇز 2 گىرام ، كونا تېتىمسۇ 100 گىرام ، سۇڭپىياز كۆكى ، قاسراقلىق گۈرۈچ 500گىرام .

图片

ئېتىش ئۇسۇلى

1 . زۇڭزايۇپۇرمىقى ، نىلۇپەر ئۇرۇقى ، قاسراقلىق گۈرۈچلەرنى سۇدا يۇيۇپ ، قازانغا سېلىپ ، مۇۋاپىق مىقداردا قايناقسۇ قۇيۇپ ، 10 مىنۇتتىن كىيىن سۈزىمىز .

图片

2. توخۇنىڭ تۆش گۆشىنى توغراپ ، بىر تەرەپكە قويۇپ قويىمىز ، قازاننى قىززىتىپ ئازمىقداردا ياغ قۇيۇپ ، گۆشنى قازانغا سېلىپ تۇز، قارىمۇچ تالقىنى ، تېتىمسۇ قۇيۇپ 5 مىنۇت قۇرۇپ ئالىمىز . 

图片

3. دۈملەپ پىشۇرىۋالغان نومى گۈرۈچىگە تېتىمسۇ ، سۇس تېتىمسۇ ، تۇز ، قارىمۇچ تالقىنى سېلىپ ئارلاشتۇرىمىز .

图片

4. ئارلاشتۇرۇپ بولغان نومى گۈرۈچنى نىلۇپەر يۇپۇرمىقىغا ئوراپ ، يىپتا چىگىپ ، قاسقاندا 30 مىنۇت دۈملەيمىز .

图片

5. ئۇنى قاسقاندىن ئېلىپ ، سۇڭپىياز كۆكى سالىمىز ، مىزلىك تەملىك نىلۇپەر يۇپۇرمىقىغا ئورالغان نومى گۈرۈچ ئېشى تەييار بولدى مانا .

图片

图片

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Tori
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 161
粉丝 0
Qux Tori شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读28
粉丝0
内容161