ۋاقىت نېمىدېگەن تېز ئۆتكەن-ھە! ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن بۇيۇملارمۇ بارا-بارا تۇرمۇشىمىزدىن يوقالدى، بۇ ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلاردىن سىز نېمىلەرنى ئىشلىتىپ باققان؟ سۈرەتتىكى: ئۇنىۋېرسال زەرەتلىگۈچ.
شياۋ باۋاڭ ئۆگىنىش ماشىنىسى: ئۆگىنىش ماشىنىسى ئەمەلىيەتتە ئويۇنچۇق، لېكىن ئاتا-ئانام يوق ۋاقىتتا ئوغرىلىقچە ئويۇن ئوينايتتىم.
ئاڭلىغۇچ: سىز بۇ ئۈسكۈنىنى تونۇغاندا، سىز قېرىپ كەتتىڭىز. ئەينى يىلى ئاپامنى ئالداپ تىل ئۆگىنىشكە ئىشلەتكەن دېگەن، نەتىجىدە تىل ئۆگەنمىگەن، كۈن بويى تىڭشىغۇچ قىستۇرۇپ ناخشا ئاڭلىغان، سىزنىڭمۇ ئوخشاش كەچۈرمىشىڭىز بارمۇ؟
90-يىللارنىڭ ئاخىرىدىكى موتورولا كونا تىپتىكى يانفوننىڭ شۇ ۋاقىتتىكى تېلېفون ھەققى تېلېفون ئۇرسا بەش مو تېلېفون قوبۇل قىلسىمۇ بەش مو، ئايلىق ئىجارىسى 50 يۈەن ئىدى، كەلگەن نومۇرنى كۆرسىتىشكە ئايرىم ھەق، ئۇزۇن يوللۇق تېلېفونغا ئايرىم ھەق، كەزمە مۇلازىمەتكە ئايرىم ھەق ئېلىناتتى، بۇنىڭدىن باشقا يانفون سېتىۋېلىپ تەكشۈرۈش ھەققى، تورغا كىرىش ھەققىمۇ ئېلىناتتى.
90-يىللاردىكى تېلېۋىزور: ئېسىمدە قېلىشىچە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدا ئۆيدىكىلەر رەڭلىك تېلېۋىزور ئالماشتۇرغان.
كونا تىپتىكى ئۈستەل كومپيۇتېرى: ئۇ چاغدا شەخسىي ئائىلىدە كومپيۇتېر ناھايىتى ئاز ئىدى، كىمنىڭ ئۆيىدە بىر كومپيۇتېر بار بولسا، چوقۇم باي ئائىلە ھېسابلىناتتى، 90-يىللاردا كومپيۇتېرنى كۆرسەملا يېڭى تۇيۇلاتتى.
90-يىللاردىكى V C D، مەن كىچىك ۋاقتىمدا كىمنىڭ ئۆيىدە بىر V C D بار بولسا، ئۇ باي ئائىلە ھېسابلىناتتى، چۈنكى ئۇنى ھەممە ئائىلە سېتىۋالالمايتتى، ئېسىمدە قېلىشىچە بىزنىڭ ئۆيدە بىرسى بار ئىدى، مەن ئۆيدە ئاۋازىنى ئەڭ يۇقىرى كۆتۈرۈپ قوياتتىم، قوشنىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئاڭلىيالايتتى، لېكىن قوشنىلارنىڭ ئاتا-ئانامغا ئەرز قىلغان-قىلمىغانلىقىنى بىلمەيمەن.
90-يىللاردىكى داگېدا، داگېدا يانفوننىڭ ئەجدادى بولۇپ «خىش يانفون» دەپ ئاتىلاتتى، ئۇنى ئىشلەتكەن ئادەملەر ئاساسەن باي بولۇپ، سالاھىيەتنىڭ سىمۋولى ھېسابلىناتتى.
موتورولا چاقىرغۇ ئاپپاراتى تىلغا ئېلىنسا، ھازىرقى بالىلار قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى ئەسلا بىلمەيدۇ، ئۇ چاغدا چاقىرغۇ ئاپپاراتى بېلىگە ئېسىقلىق تۇراتتى، قانداق كىيىم كىيىشتىن قەتئىينەزەر، نەگىلا بارسا سىرتقا چىقىپ قالاتتى (تا ھازىرغا قەدەر ئىككىنچى قىتىم پەلتۇنى ئىشتان ئىچىگە سىلىپ كىيگەن ئادەمنى كۆرۈپ باقمىدىم ، لىكىن بۇ چاقىرغۇ بىردىن-بىر خىلى مەن - مەن دېگەن ئەرلەرنىڭ پەلتۇسىنى ئىشتان ئىچىگە قىستۇرۇپ كىيدۈرىۋەتكەن). ئەينى يىللاردا مودا بولغان بۇ ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىشلىتىپ باققان بولسىڭىز، بۇ سىزنىڭ بايلارنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىڭىزنى چۈشەندۈرىدۇ.



