大数跨境

چىش ئاغرىقىنى شۇ ھامان توختىدىغان رېتسىپلار

چىش ئاغرىقىنى شۇ ھامان توختىدىغان رېتسىپلار Qux Yixix
2025-08-27
1

يۈرەك مەنبەلىك چىش ئاغرىقى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا چىشىڭىز ئاغرىغاندا، تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنىڭ بىرىنى تاللاپ تەكرار قوللانسىڭىز ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز:

ئۆرۈك مېغىزى: بىر دانە ئۆرۈك مېغىزىنى ئوتقا قاقلاپ،قىزىقىدا ئاغرىۋاتقان چىشقا بېسىپ چىشلەپ تۇرسا،چىش ئاغرىقى توختايدۇ.

سامساق: ئاقلانغان بىر باش ئۇيۇل سامساقنى ئوتتا پىشۇرۇپ، قىزىقىدا ئوتتۇرىسىدىن يېرىپ، ئاغرىۋاتقان چىشقا بېسىپ چىشلەپ تۇرسا، چىش ئاغرىقى توختايدۇ.

توخۇ تۇخۇمى: بىر دانە توخۇ تۇخۇمىنى قاچىغا چېقىپ، ئۇنىڭغا يېرىم قوشۇق ئاق شېكەر، ئازراق ئاچچىقسۇ قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، بىر قېتىمدىلا ئىچىۋەتسە، بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن چىش ئاغرىقى توختايدۇ.

غولپىياز: تەڭ مىقداردا غولپىياز بىلەن سامساقنى ئېزىپ، ئۇنىڭغا تۇز ئارىلاشتۇرۇپ ، ئاغرىۋاتقان چىشنىڭ كاۋىكىغا سېلىپ، ئۈستىگە پاختا قاپلاپ قويسا، چىش ئاغرىقى توختايدۇ.

يېسىۋېلەك يىلتىزى:بىر تۈپ يېسىۋىلەك يىلتىزىنى ئېزىپ، چىققان شىرنىسىنى قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە، چىش ئاغرىقى توختايدۇ.


يۇقارقى مەزمۇنلار باشقا سالوندىن كەلگەن ئەمەلىي رولىغا كاپالەتلىك قىلالمايمىز ، كۆرۈپ قويسىڭىز بولدى، چىشىڭىز ئاغرىسا دوختۇرخانىغا بېرىڭ!


图片


【声明】内容源于网络
0
0
Qux Yixix
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 128
粉丝 0
Qux Yixix شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读49
粉丝0
内容128