大数跨境

چۈشۈدە يەر تەۋرەش

چۈشۈدە يەر تەۋرەش Qux Yixix
2025-08-27
4

چۈشىڭىزدە يەر تەۋرەش ،سىزنىڭ مۇھىتىڭىز ياكى ئائىلىڭىزدە زور ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ،.مەسىلەن، ئانىڭىز تۇيۇقسىز ئاغرىپ قېلىشى ياكى دادىڭىزنىڭ شىركىتى تاقىلىپ قېلىپ، ئەسلىدىكى ئىقتىسادىي ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن. لېكىن بۇ خىل ئۆزگىرىشكە يەنىلا تۈرلۈك ھاياتىي كۈچ يوشۇرۇنغان بولۇپ، قەتئىي بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىلا، ئۆزگىرىش ئارقىلىق مەلۇم پايدا ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. 

چۈشىڭىزدە ئۇزۇن ۋاقىت يەر تەۋرەشنى كۆرۈش، كەسىپ ياكى سودىدا ياخشىلىنىش بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 

ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ چۈشىدە يەر تەۋرەشنى كۆرۈشى ئۆز ھاياتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تاپقانلىقىدىن، قەتئىي ھەم ھېچنېمىدىن قورقماي ئۆز ھاياتىنى قانات يايدۇرالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.ئالىملار، مۇتەخەسسىسلەر چۈشىدە يەر تەۋرەشنى كۆرسە، بۇ ئىلىم - پەن نەتىجىلىرى بىلەن دۇنياغا داڭلىق ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

چۈشىدە يەر تەۋرىسە، بېسىمغا سىمۋول قىلىنىشى مۇمكىن. مەسىلەن، قەلبىڭىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى بېسىمغا ئۇچرىغان ئىستەك، قايناق ھېسسىيات، سىز ئارزۇ - ئارمان جەھەتتىكى دەردنى چىقىرىشقا ئىنتايىن تەقەززا بولىسىز. ياكى قەلبىڭىزدە مەلۇم يوشۇرۇن ئارزۇغا بولغان بېسىم، بۇنىڭغا قارىتا، سىز بەلكىم بۇ خىل ئارزۇنىڭ تۇرمۇشىڭىزنى يۇتۇۋېلىش ياكى ۋەيران قىلىش خەۋپى بارلىقىنى ھېس قىلغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، شۇڭا ئەقىل - ئىدراك جەھەتتە ئىزچىل تۈردە ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋالغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. يەنە سىزنىڭ قويۇپ بېرىشكە ئامالسىز بولغان ئىجادچانلىقىڭىزنى ئىپادىلىشى مۇمكىن.

چۈشىڭىزدە يەر تەۋرەشنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرسىڭىز ياكى ھېس قىلسىڭىز، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى ۋە تالاش - تارتىشلارنىڭ ئىشلىرىڭىزنى مەغلۇپ قىلىشىدىن، شۇنداقلا سىزگە نۇرغۇن بەختسىزلىكلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدىن بېرىشى مۇمكىن.

图片

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Yixix
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 128
粉丝 0
Qux Yixix شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读49
粉丝0
内容128