大数跨境

زەھەرنى پاكپاكىز تازلىۋىتىدىغان كۆكتاتلار

زەھەرنى پاكپاكىز تازلىۋىتىدىغان كۆكتاتلار Qux Tori
2025-08-04
3

يەرلىك بېدە كۆكى



ھەر يىلى باش باھار بىلەن تەڭ يىلتىز تۈۋىدىن ئۆسۈپ چىقىدىغان يەرلىك بېدە كۆكىنىڭ تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق بولىدۇ، يۇمران بېدە كۆكىنى ئۈزۈپ، ئۇششاق چاناپ، چۆچۈرە تۈگۈپ يەپ بەرسە، پۈتۈن بەدەنلىك قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇ ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدىغان ۋىتامىن A، ۋىتامىن B، ۋىتامىن D، ۋىتامىن Eلارنى تولۇقلايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، يۇمران بېدە كۆكىدىن كۆپرەك يىغىۋېلىپ، ئۇششاق چاناپ بېدە مۇرابباسى ياساپ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە چۆچۈرە تۈگۈپ يەپ بەرسە، ھۆسن گۈزەللەشتۈرگىلى بولىدۇ .


تەرخەمەك



ئىسسىقنى ھەيدەپ، مېتابولىزمنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تەرخەمەكنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، ئىسسىقنى ھەيدەپ، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىپ، ئىششىق ياندۇرۇش رولىغا ئىگە. تەرخەمەك تەركىبىدىكى سېللىلوزا ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېتابولىزمنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زەھەرنى ھەيدەيدۇ .


قېرىنقۇلاق



قان تازىلاپ ، قان تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، زەھەر ھەيدەپ، قان توختىتىش رولى بار. قېرىنقۇلاق تەركىبىدە تۆمۈر قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددا بار بولۇپ، تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ .


لامنارىيە



ماينى سۈمۈرۈپ ، ئىششىق قايتۇرىدۇ. لامنارىيە قان تەركىبىدىكى خولېستېرىننىڭ نورماللىقىنى ساقلايدۇ .


مەرۋايىتگۈل



قۇرۇق ئىسسىقنى يوقىتىپ ، ئېغىز قۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. مەرۋايىتگۈلنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، ئىسسىق قايتۇرۇپ، سۈيدۈك ھەيدەپ بەدەندىكى زەھەرنى تازىلايدۇ .


ئاق تۇرۇپ



ماينى سۈمۈرۈپ، ئىششىق قايتۇرىدۇ. لامنارىيە قان تەركىبىدىكى خولېستېرىننىڭ نورماللىقىنى ساقلايدۇ .

图片

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Tori
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 161
粉丝 0
Qux Tori شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读28
粉丝0
内容161