چۈشىدە توي قىلسا، بەخىتسىزلىكنىڭ ئالامىتى، نەس باسىدۇ.
ئەر - ئاياللارنىڭ چۈشىدە توي قىلىشى، ئاغرىپ قېلىشنىڭ ئالامىتى. چۈشىدە توي مۇراسىمىغا قاتناشقاندا، ئادەتتە ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن .
چۈشىدە ئۆزىنىڭ باشقىلارنىڭ توي مۇراسىمىغا بىر چەتتە قاراپ تۇرغانلىقى، ئائىلىسىنىڭ تەلىيىنىڭ ئوڭدىن كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، مەسىلەن، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ئۆسۈشى، ئىمتىھاننىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى قاتارلىقلار.
چۈشىدە يىگىت بىلەن قىزنىڭ ئۆز ئارا سالام قىلغان كۆرۈنۈشى، بىر تەرەپتىن، سىزنىڭ كۈتۈلمىگەن مىراسقا ئېرىشىشىڭىزدىن دېرەك بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، سىزنىڭ قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن.
چۈشىڭىزدە يىگىتنىڭ خۇشال بولۇپ قاقاقلاپ كۈلگەن ھالىتى، سىزنىڭ ياخشى كۆرىدىغان يات جىنىسقا يولۇقىدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ، كۆڭلىڭىز ھاياجانلىنىدۇ.
چۈشۈمدە توي مۇراسىمى نەق مەيدانىدا نۇرغۇن ھاراق بار ئىكەن، يېقىندا ئېھتىيات قىلىڭ، يىقىندا ئاۋارىچىلىققا ئۇچراپ كۆڭلىڭىزدە ئەندىشە پەيدا بولۇشى مۇمكىن.
مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز يىگىتلەر چۈشىدە ئۆزىنىڭ توي زىياپىتىگە قاتناشقانلىقىنى كۆرسە، يەنە بەلكىم سىزنىڭ ھېسسىياتىڭىز ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشى مۇمكىن، بەلكىم سىز كىچىك ئىشلار ئۈچۈن ئاشىقىڭىز بىلەن سۈركىلىش پەيدا قىلىشىڭىز مۇمكىن.
توي قىلىش ئالدىدا تۇرغان قىز - يىگىتلەر، چۈشىدە مېھمان يوق توي مۇراسىمىنى كۆرسە، كەلگۈسىدىكى ئۆيلىنىشىڭلاردىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىڭلارنى، ئاتا - ئاناڭلارنىڭ سىلەرنىڭ توي قىلىشىڭلارنى قوبۇل قىلماسلىقىدىن قورقىدىغانلىقىڭلارنى بىلدۈرىدۇ.
ئەگەر چۈشىڭىزدە كېلىنچەك ياكى يىگىت قاتناشمىغان توي مۇراسىمى بولسا، بۇ سىزنىڭ ھەمراھىڭىزغا ئىشەنمەيدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ، قارشى تەرەپ سىزنى يېتەرلىك بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلالمايدۇ.
ئەگەر چۈشىڭىزدە توي مۇراسىمىدا توي ئۈزۈكىنى يوقىتىپ قويسىڭىز، بۇ ئوخشاشلا سىزنىڭ قارشى تەرەپكە ئىشەنمىگەنلىكىڭىزگە، كۆڭلىڭىزدە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ يوقلۇقىغا سىمۋول قىلىنىدۇ.
چۈشىدە توي مۇراسىمى ئۆلۈك ئۇزۇتۇش زالىدا ئۆتكۈزۈلسە، رېئال تۇرمۇشتا دوستىڭىزنىڭ بەختسىزلىكىدىن ئازابلىنىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ، بەلكىم سىز ئاللىقاچان قېرىپ كەتكەن دوستىڭىزنىڭ بەختسىزلىكىدىن خەۋەر ئېلىشىڭىز مۇمكىن.
چۈشىڭىزدە ئۆزىڭىزنىڭ توي رىياسەتچىسى بولۇپ قالغانلىقىڭىز، سىزنىڭ يۇقىرى ئۆرلەيدىغانلىقىڭىزدىن، ئىستىقبالىڭىزنىڭ پارلاق ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە ئۆزىنىڭ ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى زالى، توي زىياپىتى سورۇنىغا كىرگەنلىكىنى كۆرسە، كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، بايلىق ۋە نام - ئاتاققا ئېرىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئەرلەر چۈشىدە توي يىگىتى بولسا، كۆز ئالدىدىكى ھېسسىياتنى ياخشى ئىگىلەپ، كۆڭۈل ئىزھار قىلىشنى چىڭ تۇتۇشنى ئەسكەرتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېقىندا يەنە تەن سالامەتلىكىگىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك.
ئايال چۈشىدە ئۆزىنىڭ كېلىنچەك بولغانلىقىنى كۆرسە، مەيلى يىگىت سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكى ئادەم بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ھەممىسى سىزنىڭ مۇھەببەت جەھەتتە تېز ئىلگىرىلىگەنلىكىڭىزنى، ئوغۇل دوستىڭىز بىلەن بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.
چۈشۈدە ئاتا - ئانىسىنىڭ توي مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىنى كۆرسە، بۇ سىزنىڭ ئېسىلزادىلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.


