چۈشتىكى باغ بايلىق ۋە ھوسۇلنىڭ سىمۋولى، شۇنداقلا ھامىلدار بولۇشتىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىڭىزدە باغدىكى مول مېۋىلەرنىڭ مول ھوسۇلغا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرسىڭىز، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق، تەلىيىڭىزنىڭ ئوڭدىن كېلىدىغانلىقىدىن ياكى يۇقىرى ئۆرلەيدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىڭىزدە باغدىكى مېۋىلەرنىڭ تېخى پىشمىغانلىقىنى كۆرسىڭىز، نىشانىڭىزغا يېتىشتە ۋەزىپە ئېغىر مۇساپە ئۇزۇن، يەنە جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭىزنى ئەسكەرتىدۇ.
چۈشىدە مېۋىلىك دەرەختىكى مېۋىلەرنىڭ سېسىپ كەتكەنلىكى ياكى باشقىلار تەرىپىدىن ئۈزۈۋېتىلگەنلىكى چۈش كۆرگۈچىلەرنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ بىكارغا كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىڭىزدە باغدىكى مېۋىلەرنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئۈزۈپ بولۇنغانلىقىنى ياكى مېۋىلەرنىڭ ئوت - چۆپلەر ئارىسىدا سېسىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىڭىز، ۋاقتىدا ھەرىكەتكە كېلىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشىڭىزنى ئەسكەرتىدۇ. سىزنىڭ بەك كۆپ ساقلىغانلىقىڭىز ئۈچۈن، ئويلىغانلىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە باغقا كىرسە، ھەممە ئىشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، سودىگەرنىڭ ئامىتى كېلىدۇ، سودىسى روناق تاپىدۇ، پايدىسى كۆپ بولىدۇ.
چۈشىڭىزدە مېۋىلىك باغدا مېڭىپ چۈشىسىڭىز، سىزنىڭ ئەمەلىيەتچىل ئىكەنلىكىڭىزنى، «ئەمەلىي ئىشلىگۈچى» ئىكەنلىكىڭىزنى، جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەندىن كېيىن، ئاخىرى مول ھوسۇلغا ئېرىشىدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەيدۇ.
چۈشىڭىزدە مېۋىلىك دەرەخنىڭ مېۋە تۇتقانلىقى سىزنىڭ ياشانغان كىشىلەر بىلەن مۇھەببەت دېڭىزىغا غەرق بولۇپ كېتىشىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ، ئەڭ ياخشىسى سۆز - ھەرىكىتىڭىزگە مۇۋاپىق دىققەت قىلىڭ، بىردەملىك ھاياجانلىنىش سەۋەبىدىن تراگېدىيە كەلتۈرۈپ چىقارماڭ.
چۈشىڭىزدە بىرسىنىڭ باغقا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى، سىزنىڭ بىر نەچچە خەتەرلىك رەقىبىڭىزنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئۇلار كۆپ تەرەپتىن قول سېلىپ سىزگە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
چۈشىڭىزدە رەقىبىڭىزنى ئېلىپ باغقا بېرىپسىز، بۇ سىزنىڭ رەقىبىڭىز بىلەن يارىشىپ قېلىشىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە ئاشىقى بىلەن چېچەكلەۋاتقان باغنى كېسىپ ئۆتسە، ئۇزۇن مۇھەببەت ئىزھار قىلىش جەريانىنىڭ كىشىنى خۇشال قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئەگەر چۈشىدە باغدا پىشقان مېۋىلەر شاخلىرىغا ئېسىلىپ قالسا، ياللىغۇچىنىڭ سادىقلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلغانلىقىنىڭ جاۋابىدىن دېرەك بېرىدۇ؛ كارخانا رەھبەرلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا تەپسىلىي ۋە ئەتراپلىق پىلان لايىھىسىنىڭ تاماملىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ؛ باشقىلارغا خوتۇن بولغان ئايال خۇشال ئائىلە تۇرمۇشىدىن، سادىق ئەر ۋە ياۋاش بالىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىڭىزدە باغدا چوشقا يەردىكى مېۋىلەرنى يېسە، بۇ سىزنىڭ بارلىق كۈچىڭىز بىلەن بەزى مال - مۈلۈكنىڭ ئۆزىڭىزگە تەۋە ئەمەسلىكىنى جاكارلايدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇڭا سىز بىر قىسىم مال - مۈلۈكتىن ئايرىلىپ قالىسىز.
چۈشىدە پىشقان مېۋىلەرنى ئۈزۈش ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن باياشاتلىقتىن دېرەك بېرىدىغان ياخشى چۈش.
چۈشىڭىزدە باغنىڭ سولىشىپ قۇرۇش كېسىلىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغانلىقىنى كۆرسىڭىز ، خۇشاللىق ۋە بايلىقنىڭ كەينىگە قايغۇ يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن .
چۈشىدە باغنى كېسىپ ئۆتكەندە، تىكەنلىك يولنى توسۇۋالسا، سىزنى ھەسەت قىلىدىغان رەقىبىڭىزدىن ئېھتىيات قىلىشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ؛ ئەگەر سىز توي قىلغان بولسىڭىز بۇ چۈش سىزنىڭ سۆيگىنىڭىز بىلەن قاتتىق جېدەللىشىدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىڭىزدە ئۈنۈمسىز مېۋىلىك باغنى كۆرسىڭىز، بۇ سىزنىڭ تۇرمۇش ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىغان پۇرسەتنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.
چۈشىڭىزدە خۇددى قىش يېتىپ كېلىپ، يېشىللىققا پۈركەنمەيدىغان باغنى كۆرگەندەك بولسىڭىز، بۇ سىزنىڭ كۆز ئالدىڭىزدىكى راھەت-پاراغەتكە زىيادە بېرىلىپ كەتكەنلىكىڭىزدىن، كەلگۈسىنى ئانچە ئويلاشمىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە بوران - چاپقۇن يامرىغاندىن كېيىنكى باغنى كۆرسە، قارشى ئېلىنمايدىغان مېھمان ياكى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمايدىغان مەسئۇلىيەتنى بىلدۈرىدۇ.


