大数跨境

لوڭقا قويدۇرغاندا چىققان نەرسىلەر راستىنلا بەدەندىكى زەھەرمۇ؟

لوڭقا قويدۇرغاندا چىققان نەرسىلەر راستىنلا بەدەندىكى زەھەرمۇ؟ Qux Tori
2025-09-21
2

لوڭقا قويدۇرۇش بىزنىڭ بەدەن پەرۋىش قىلىشتا دائىم قوللىنىدىغان ئۇسۇلىمىزنىڭ بىرى بولۇپ،  نۇرغۇن كىشىلەر مەلۇم مەزگىلدە بىر ۋاقىت چىقىرىپ لوڭقا قويدۇرۇپ بەدەنلىرىنى ئۇۋۇلىتىپ ئۆزىنى ئارام ئالدۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ . ئۇنداقتا لوڭقا قويدۇرغاندا راستىنلا بەدەندىكى زەھەرلەرنى تازىلىغىلى بولامدۇ ؟ لوڭقا قويۇپ بولغاندىن كېيىن چىققان نەرسىلەر زادى نېمە ؟

لوڭقا قويدۇرغاندا لوڭقا ئىچىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى چىققانلىقىنى كۆرىمىز. دوختۇرلارنىڭ ئېنىقلىما بېرىشىچە بۇ سۇيۇقلۇقلارنىڭ كۆپ قىسمى بەدىنىمىزدىكى نەملىك بولىدىكەن، قالغانلىرى تېرىمىزدىكى ئاجرالما ماددىلار ئىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا لوڭقا قويدۇرغاندا بەدىنىمىزدە قېپ قالغان ئىزلارنى بىز دائىم بەدەندىكى توكسىنلارنىڭ تېشىغا تېپىشى دەپ بىلىمىز.

جۇڭيى تېبابىتىدە لوڭقا قويۇش ھەقىقەتەن بىزنىڭ قاننى جانلاندۇرۇشىمىزغا ، بەدەندىكى ھۆللۈكنى يوقىتىشىمىزغا ، بەدەندىكى بىر قىسىم توكسىنلارنى چىقىرىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ ، پەقەت بىز شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەككى ، لوڭقا قويۇش ئۈچۈن ماس كېلىدىغان پەللىلەرنى غىدىقلاش كېرەك ، ئۇسۇل جەھەتتە جۇڭيى تېبابىتى بويىچە فىزىكىلىق داۋالاش كەسپىي خادىملىرىنىڭ مەشغۇلات قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەربىر ئادەمنىڭ بەدەن سۈپىتى ئوخشاش بولمايدۇ ، تەڭشىگەندە ئوخشاش بولمىغان لايىھەلەرنى قوللىنىشىمىز مۇمكىن ، شۇڭا بىز چوقۇم مۇنتىزىم فىزىكىلىق داۋالاش ئورۇنلىرىغا بېرىشىمىز كېرەك ، ھەرگىزمۇ قالايمىقان كىچىك ئورۇنلاردىكى لوڭقا قويغۇچىلارغا ئىشەنمەسلىكىمىز كېرەك .

لوڭقا قويۇپ باققان دوستلارنىڭ ھەممىسىگە مەلۇم ، ھەر قېتىم لوڭقا قويۇپ بولغاندىن كېيىن ، تېرىدە نۇرغۇن لوڭقا ئىزى قالىدۇ ، بەزىلىرىنىڭ رەڭگى يېنىك بولىدۇ ، بەزىلىرى قانداقسىگە كۆكۈچ سۆسۈن رەڭدە بولىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا مەشغۇلاتچىلار سىزگە بۇنىڭ بەدەندىكى ئۇيۇپ قالغان قان ۋە زەھەر ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ ، بۇ راستمۇ ؟ 

图片

ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس ، بۇنىڭ سەۋەبى لوڭقا قويۇش جەريانىدا ، لوڭقا ئىچىدىكى مەنپىي بېسىم كەلتۈرۈپ چىقارغان تېرە ئاستىدىكى قىل قان تومۇرلار يېرىلغانلىقتىن پەيدا بولغان رەڭگىنىڭ قېنىق - سۇسلۇقى ئوخشاش بولمىغان بۇ كومزەكلەرنىڭ ئىزى ھەرگىزمۇ بەدىنىمىزدىكى زەھەرلىك ماددا ئەمەس .

لوڭقا قويغاندا بىز نېمىلەرگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك؟

图片

 1. مەشغۇلات مۇۋاپىق بولماي ، ئۆزىنى ياكى تېرىنى كۆيدۈرۈۋېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، ئۆيدە ئۆزى لوڭقا قويدۇرماسلىق كېرەك . 

2. لوڭقا قويغاندا بەدەن تېرىسى نىسبەتەن قېلىن جاينى تاللاش كېرەك . مەسىلەن ، ئامال بار دۈمبە قىسمىغا قۇيۇش كېرەك . سۆڭىكى تەكشى بولمىغان يەرگە لوڭقا قويدۇرماسلىق كېرەك . بۇ ، لوڭقا گەۋدىسىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىسىز. 

3. بەدەن سىرتقى يۈزىدە جاراھەت ، زىيادە سەزگۈرلۈك قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە ، لوڭقا قويۇشقا ماس كەلمەيدۇ . 

图片

4. بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى ئېنىق بولمىغاندا ، لوڭقا قويدۇرماسلىق ، باشقا كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، ئالدى بىلەن دوختۇرخانىغا بېرىپ جەزملەشتۈرۈش كېرەك . 

5. لوڭقا قويۇپ بولغاندىن كېيىن سۇلۇق قاپارتما پەيدا بولسا ، دېزىنفېكسىيەلەنگەن يىڭنە بىلەن سۇلۇق قاپارتمىنى تېشىپ دېزىنفېكسىيە قىلىپ ، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك . 

لوڭقا قويۇش ئارقىلىق بەدەننىڭ ئىككىلەمچى ساغلاملىق ھالىتىنى ياخشىلاش ياكى ئاغرىق ئازابىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ، ئەڭ ياخشىسى جۇڭيى تېبابىتى بويىچە فىزىكىلىق داۋالاش ئورنىغا بېرىش كېرەك ، بۇنداق قىلغاندا ھەم بىخەتەر ، ھەم ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ .

لوڭقا قويدۇرۇشنىڭ بەدەن ساغلاملىقىغا ھەقىقەتەن پايدىسى بار،لېكىن بۇ لوڭقا قويدۇرۇش ھەممىلا ئادەمگە ماس كېلىدۇ دېگەنلىك ئەمەس.

چوقۇم ئۆز بەدەن ساپاسىغا قاراپ كەسپىي، ئىشەنچلىك ئورۇنلارغا بېرىپ لوڭقا قويغۇچىلارنىڭ سەمىمىي مەسلىھەتىنى ئالغاندىن كېيىن مۇۋاپىق بولسا ئاندىن قويدۇرۇش كېرەك.

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Tori
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 161
粉丝 0
Qux Tori شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读28
粉丝0
内容161