大数跨境

ئەتىڭىز ئۈچۈن نېمىلەرنى قۇربان قىلدىڭىز ؟

ئەتىڭىز ئۈچۈن نېمىلەرنى قۇربان قىلدىڭىز ؟ Qux Yixix
2026-01-05
2

图片  پايانسىز سەھرايى كەبىر قۇملۇقىدا قۇملۇق قارىغۇ چاشقىنى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل جانلىق بار. ھەر قېتىم قۇرغاقچىلىق مەزگىلى يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار بىر خىل ئەسەبىيلەرچە ئالدىراشلىققا پېتىپ قالىدۇ. زور مىقداردىكى ئوت-چۆپ ئۆسۈملۈكلىرىنى يىغىش ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارلىقى بولۇپ، بىچارە قارىغۇ چاشقان ئەتىگەندىن كەچكىچە ئالدىراش يۈرگەچكە، ئېغىزىغا ھەمىشە ئوت-چۆپ تىقىپ قويىدىغان بولۇپ، بىر مىنۇتمۇ ئارام ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىكەن. 

图片

 گەرچە زاپاس ساقلانغان ئوت-چۆپلەر ئۇلارنى قۇرغاق پەسىلدىن تىنچ-مۇقىم ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلسىمۇ، لېكىن ئۇلار قىلچە ھۇرۇنلۇق قىلىشقا پېتىنالمايدۇ، پەقەت مېخانىكىلىق ھالدا، توختىماي ئوت-چۆپ توشۇيدۇ، خۇددى مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلغىلى بولىدىغاندەك. ھالبۇكى، تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىل ھادىسە پەقەت قۇملۇق قارىغۇ چاشقىنىغا تەۋە بولۇپ، ئۇلار تۇغما ئەندىشە قىلىدىكەن. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار بۇنچە چارچاش ۋە ھودۇقۇشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى، زىيادە ئالدىراشلىقنىڭ بەلكىم ئۆزىنىڭ زېھنىنى خورىتىدىغانلىقىنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغاندەك قىلىدۇ.

  بىز ئىنسانلار نېمىشقا دائىم مۇشۇ قۇملۇق قارىغۇ چاشقىنىغا ئوخشايمىز؟ ياشاش يولىدا بىز ھەرخىل نىشانلار ئۈچۈن پايپېتەك بولۇپ ھېرىپ ھالىمىزدىن كېتىمىز، لېكىن بىردەممۇ توختاپ قېلىشقا پېتىنالمايمىز. بىز توختاپ قالساق، دەۋر دولقۇنى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلىشتىن قورقىمىز؛ بىز ئۆزىمىزنىڭ بوشىشىپ قېلىشىمىزدىن، ھۇرۇنلىشىپ كېتىشىمىزدىن، كەلگۈسىدىكى تۇرمۇشىمىزنىڭ  تۇراقسىز بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمىز. شۇنىڭ بىلەن بىز خۇددى پۇرژىنا  ئورنىتىلغان ماشىنىغا ئوخشاش توختىماي ئالدىمىزغا قاراپ ماڭىمىز. 

  باش چۆكۈرۈپ ئىشلىدۇق، لېكىن ئەتراپتىكى مەنزىرىلەرگە سەل قارىدۇق، قەلبىمىزنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىشنى ئۇنتۇپ قالدۇق. كىشىلىك ھايات خۇددى بىر مەيدان ئۇزۇن سەپەرگە ئوخشايدۇ، بىز ئىزچىل توختىماي ماڭىمىز. لېكىن مەسىلە شۇ يەردىكى، بىز قارىغۇلارچە ئالغا ئىلگىرىلىسەك بولمايدۇ. ناۋادا، بار كۈچى بىلەن تىرىشىپ، مۇۋاپىق پەيتتە قەدىمىنى ئاستىلىتىشنى بىلمەسلىك،  بۇ ھاياتنى خورىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. 

图片

 ھازىرقى جەمئىيەتتە، تېز رىتىملىق تۇرمۇش بىزنى غايەت زور بېسىمغا بەرداشلىق بېرىشكە مەجبۇر قىلدى. بىز خىزمەت، ئائىلە، ئارزۇيىمىز ئۈچۈن توختىماي ئۇنى ئۆزىمىزگە يۈكلەيمىز. بىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدا ئۇچقاندەك چېپىپ يۈردۇق، لېكىن ئۆزىمىزنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىغا سەل قارىدۇق. بىز پەقەت تىرىشساقلا نىشانغا چوقۇم يەتكىلى بولىدۇ، دەپ قارايمىز، لېكىن بەزىدە توختاپ تەپەككۇر قىلىپ، يۆنىلىشنى تەڭشىسەك، بەلكىم تېخىمۇ يىراققا ماڭالىشىمىز مۇمكىنلىكىنى بىلمەيمىز.

图片

  قەدىمىمىزنى ئاستىلىتىشىمىز بىزنى تىرىشىشتىن ۋاز كەچكۈزۈش بولماستىن، بەلكى ئالدىراش تۇرمۇشتا بىر خىل تەڭپۇڭلۇق تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتۇر.

  بىز بوش ۋاقىتلىرىمىزدا ياخشى كىتابتىن بىرنى ئوقۇپ، بىر ئىستاكان چايدىن ھوزۇرلىنىپ، ئائىلىمىزدىكىلەر ۋە دوستلىرىمىز بىلەن گۈزەل مىنۇتلارنى بىللە ئۆتكۈزسەك بولىدۇ. قارىماققا تىلغا ئالغۇچىلىكى يوقتەك كۆرۈنىدىغان بۇ كىچىك ئىشلار قەلبىمىزنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ، بىزنى تېخىمۇ تولۇپ تاشقان روھىي ھالەت بىلەن يېڭى خىرىسقا ئاتلاندۇرىدۇ.

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Yixix
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 128
粉丝 0
Qux Yixix شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读49
粉丝0
内容128