ھەر ئىككى ئادەم تىرىشىپ پۇل تاپسا، بۇ ئائىلە نامرات بولمايدۇ؛ ھەر ئىككى ئادەم مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن بالىلىرىنى ئاسرىسا، بۇ ئائىلە چېچىلىپ كەتمەيدۇ. ھەم پۇلى بار ھەم بالىسى بار، بۇنداق ئائىلە ئادەمنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدۇ.
ئەڭ ياخشى ئۆي قانداق بولىدۇ؟ چوڭ ئىشلاردا ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىش، كىچىك ئىشلاردا ئۆزئارا چۈشىنىش، توغرا-خاتانى ئايرىماسلىق، ئۆتكەن-كەچكەن ئىشلارنى سورىماسلىق كېرەك. بۇ ئائىلە جەڭ مەيدانى ئەمەس، بايراقنى كۆتۈرۈپ، قان-تەرىمىز ۋە كۆز يېشىمىز بىلەن يېڭىش-يېڭىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز ھاجەتسىز.
ئائىلە بالىڭىزنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، شۇنداقلا سىزنىڭ قايتىپ كېلىش يۆنىلىشىڭىز. ئۆيدە دادا بۇ ئۆينىڭ يۆنىلىشىنى، ئاپىنىڭ كەيپىياتى بۇ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى بەلگىلەيدۇ. دادا كۆيۈنىدۇ، ئانا مېھرىبان، بالا خاتىرجەم؛ بالا خاتىرجەم، ئائىلە ئەزالىرى تىنچ-ئامان بولسا، ئۆينىڭ ئىشلىرى روناق تاپىدۇ.


