大数跨境

بۇ يىل ۋە كىلەر يىلى بۇ بەش ئىشقا چېقىلماڭ!

بۇ يىل ۋە كىلەر يىلى بۇ بەش ئىشقا چېقىلماڭ! Qux Yixix
2026-04-21
2
导读:بۇ يىل ۋە كىلەر يىلى بۇ بەش ئىشقا چېقىلماڭ!

بۇ يىل ۋە كىلەر يىلى بۇ بەش ئىشقا چېقىلماڭ!
كەلگۈسى ئىككى يىلدا بۇ بەش ئىشقا ئامال بار چېقىلماڭ، ئەگەر نەسىھەتنى ئاڭلىمىسىڭىز، زىيان تارتىدىغىنى سىز بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئەڭ ئاخىرقىسى ئالاھىدە مۇھىم، چۈنكى سىزنىڭ خىيالىڭىزغا كەلمىگەن ئىشلار سىزنى خانىۋەيران قىلىۋېتىشى مۇمكىن، بۇ ھەرگىزمۇ ۋەھىمىلىك گەپ ئەمەس. 
بىرىنچى ئىش، ئەمەلىي دۇكان ئېچىپ ئىگىلىك تىكلەشتە، بولۇپمۇ كىيىم-كېچەك دۇكىنى، ئەتكەن چاي دۇكىنى ۋە ئانا-بالىلار دۇكىنى قاتارلىقلارنى تاللىماسلىق كېرەك، سىز 2023-يىلىدىكى نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىگە قاراپ، نېمە سەۋەب ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز، ھازىر بۇنداق دۇكانلارنىڭ تاقىلىش نىسبىتى%70 تىن ئېشىپ كەتتى،  بۇنداق ئەمەلىي دۇكانلاردا ئىگىلىك تىكلەيمەن دېسىڭىز، ئادەم ئىشلىتىش ھەققى بىلەن پايدىڭىزنى دېمەيلا قويايلى، ئاخىرىدا تاپقان پۇلىڭىز دۇكان ئىجارىسىگە يەتمەيدۇ، 
ئىككىنچى ئىش، خىزمەت ئالماشتۇرماسلىق كېرەك، ھازىر ھەر يىللىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 5 مىليوندىن ئاشىدۇ، ھەر يىلى نۇرغۇن يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار خىزمەت ئورنىغا كىرىدۇ، لېكىن ھازىرقى ئەھۋال شۇكى، ئىش ئورنى بەك ئاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، نەچچە ئون مىليون ئىش ئورنىنىڭ ئورنىنى ئالدى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ بارلىققا كېلىشى يەنە نەچچە ئون مىليون ئىش ئورنىنىڭ ئورنىنى ئالدى، ھازىر سىز تاللىيالايدىغان خىزمەت ناھايىتى ئاز، ئەگەر ھازىر ۋاقتىدا مائاش بېرىدىغان خىزمىتىڭىز بولسا، ئۇنداقتا قەدىرلەپ ئىشلەڭ، قالايمىقان خىزمەت تاشلاشنى ئويلىماڭ. 
ئۈچىنچى ئىش، ئاپتوموبىل ئالماشتۇرماقچى بولغان دوستلار يەنە بىر مەزگىلدىن كىيىن ئالماشتۇرسا ياخشى، ھازىرقى ئاپتوموبىل باھاسىنى چۈشۈرۈش دولقۇنى پۈتكۈل ئاپتوموبىل كەسپىنى قاپلىدى، مەيلى توكلۇق ياكى مايلىق ئاپتوموبىل بولسۇن، باھانى چۈشۈرۈش مۇقەررەر يۈزلىنىش بولۇپ قالدى، كېيىنكى باھا چۈشۈرۈش نىسبىتى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ، 1~2 يىلغىچە ئاپتوموبىل باھاسى يەنە چۈشۈشى مۇمكىن. 
تۆتىنچى ئىش، ھازىر ۋاقىتتا، زۆرۈر بولمىسا ئۆي سېتىۋالماسلىق كېرەك، ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ پايدا ئېلىش مەزگىلى تارىخقا ئايلاندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى داۋاملىق تۆۋەنلەپ كەتتى، بۇنىڭدىن كېيىن بىر ئادەمنىڭ بىر نەچچە يۈرۈش ئۆيگە ئىگە بولۇشى ئادەتتىكى ئىش، شۇڭا ئۆي باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە چۈشۈپ كېتىشىمۇ مۇقەررەر يۈزلىنىش، ئەگەر زۆرۈر بولمىسا، ئۆي سېتىۋالماسلىق كېرەك.
 بەشىنچى ئىش، قالايمىقان بۇزۇپ چاچماسلىق كېرەك، تېجەشكە تېگىشلىكلىرىنى چوقۇم تېجەش كېرەك، پۇل ئامانەت قويۇش ئەڭ مۇھىم قائىدە، ھازىرقى چوڭ مۇھىت كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، پاي چېكى، قەرەللىك مال، فوند دېگەنلەرگە چېقىلماسلىق كېرەك. يۇقارقى بەش ئىشنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ، سىزنى زىيان تارتقۇزمايدۇ.

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Yixix
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 128
粉丝 0
Qux Yixix شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读49
粉丝0
内容128