بىر يىلدا يانفونىمىزغا قانچە پۇللۇق توك قاچىلايمىز؟ بۇنىڭغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئاۋۋال يانفون باتارېيەسىنىڭ سىغىمى ۋە توك باھاسىغا قارىشىمىز كېرەك.
iPhone 17 Proنىڭ تەخمىنەن 4000 مىللىئامپېرلىق باتارېيەسىنى مىسالغا ئالساق، بىر قېتىم توك قاچىلاشقا تەخمىنەن 15 ۋات سائەت توك كەتسە، ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى تەخمىنەن %70تىن %90كىچە دېسەك، ئەمەلىي توك سەرپىياتى تەخمىنەن 0.021 كىلوۋات سائەتتىن 0.022 كىلوۋات سائەتكىچە بولسا، كۈندە بىر قېتىم توك قاچىلىغان ئەھۋالدا، يىللىق توك سەرپىياتى تەخمىنەن 8 كىلوۋات سائەتتىن 10.8 كىلوۋات سائەتكىچە بولىدۇ. ھەر كىلوۋات سائەت توكنىڭ باھاسىنى بەش مو دەپ ھېسابلىساق، بىر يىلدا تەخمىنەن تۆت يۈەندىن بەش يۈەنگىچە پۇل كېتىدۇ. ئۇنداقتا سوئال كەتتى، سىز يانفونىڭىزنى قانچىلىك ۋاقىتتا بىر توكقا سالىسىز؟


