ھەممەيلەن ئورۇقلاشنى ئاياللارنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىشى دېيىشىدۇ، بولۇپمۇ ياز كەلگەندە، ئاياللارنىڭ چىرايلىق كۆينەكلەرنى كىيىشى ياكى دېڭىز ساھىلىدا سۇ ئۈزۈش كىيىمى كىيىپ گۈزەل بەدىنىنى نامايەن قىلىشى ئۈچۈن ياخشى بەدەن شەكلى بولمىسا بولمايدۇ، زىلۋا بەدەن شەكلى ئاياللارنى تېخىمۇ ئىشەنچكە ئىگە قىلىدۇ. شۇڭا ئاياللار ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئورۇقلايدۇ.
نۇرغۇن ئاياللار ئورۇقلاش مەزگىلىدە، تاماقتىن پەرھىز تۇتۇپ ئورۇقلاشنى تاللايدۇ، لېكىن تاماقتىن پەرھىز تۇتۇپ ئورۇقلاشنىڭ قىسقا ۋاقىتلىق ئۈنۈمى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن كۆپىنچە ئاياللار سىرتتىكى ئېسىل يېمەكلىكلەرنىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇزاق مۇددەت بەرداشلىق بېرەلمەي، يەنىلا ئەسلى ھالىتىگە قايتىپ قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزۇن مۇددەت تاماقنى ئاز يىيىش، بەدەنگە ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، تەن ساغلاملىقىغا پايدىسىز.
ئەمەلىيەتتە ئاياللار ئورۇقلاش مەزگىلىدە، ئاساسلىق تاماقنى توغرا تاللىشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا ھەم قورساقنى تويغۇزغىلى، ھەم ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
تۆۋەندىكى بۇ تۆت خىل يىمەكلىكنى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلسىڭىز، ماينى كۆيدۈرۈپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنى ئاستا ـ ئاستا تۆۋەنلىتىپ، سىزنى ئاسانلا ئورۇق ساھىبجامالغا ئايلاندۇرىدۇ.
سۇلۇ تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل قارا ئاشلىق يېمەكلىكى، ئۇنىڭ تەركىبىدە يۇقىرى يېمەكلىك تالاسى بار بولۇپ، ئاشقازان ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەندىكى ئەخلەت ۋە توكسىنلارنى چىقىرىپ تاشلاپ، ماينىڭ كۆيۈشى ۋە خورىشىنى تېزلىتىپ، ئورۇقلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.
تەۋسىيەلىك تاماق: سۈت چىلان سۇلۇ ئۇمىچى
خۇرۇچلىرى: كالا سۈتى، سۇلۇ، چىلان
تەييارلىنىشى: چىلاننىڭ ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ تەييارلاپ، سۇلۇنى قازانغا سېلىپ، چىلاننى سېلىپ، بىر ئىستاكان سۈت قۇيۇپ، شوۋىگۈرۈچ قايناتقاندەك قاينىپ، تەييار بولغاندىن كىيىنلا ئىستىمال قىلساق بولىدۇ.
كۆممىقوناق ئەڭ ياخشى ئورۇقلىتىش يېمەكلىكى بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە مول يېمەكلىك تالاسى بار، ئۇنى يېگەندە تويۇش تۇيغۇسى كۈچلۈك بولۇپلا قالماي، يەنە باشقا يېمەكلىكلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىپ، بەدەندىكى ياغنىڭ كۆيۈشى ۋە پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاياللارنى ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكۈزىدۇ.
تەۋسىيەلىك تاماق: سۇدا پىشۇرۇلغان كۆممىقوناق
كۆممىقوناقنى پىشۇرۇشتىن بۇرۇن سىرتىدىكى پوستىنى سويۇپ ئېلىۋېتىپ، ئەڭ ئىچىدىكى بىر ـ ئىككى قەۋەت پوستى ۋە كۆممىقوناقنىڭ ساقىلىنى ساقلاپ قېلىپ، ئاندىن ئۇنى سوغۇق سۇغا سېلىپ قاينىتىمىز، پىشۇرغاندا تۇز ۋە سودا قوشساق بولىدۇ. تۇز كۆممىقوناقنى تېخىمۇ تاتلىق قىلىدۇ، سودا بولسا، كۆممىقوناقنى تېخىمۇ توق، تەملىك قىلىدۇ. پىشۇرغان كۆممىقۇناق بىردەم دۈملەنسە، ھەم تاتلىق ھەم يۇمشاق بولىدۇ.
قارا بۇغداي تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل قارا ئاشلىق بولۇپ، تەركىبىدە مول يېمەكلىك تالاسى بار، ئۇ ئادەتتىكى ئىنچىكە ئىشلەنگەن گۈرۈچنىڭ 10 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، قارا بۇغداينى كۆپرەك يەپ بەرسە، ھەم قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ، ھەم ئۈچەينى تازىلاپ زەھەرنى ھەيدەپ، ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
تەۋسىيەلىك تاماق: توخۇ قەلەمچىسى قۇشۇلغان قارا بۇغداي سوغۇق ئېشى
خۇرۇچلىرى: قارا بۇغداي ئۇنى، توخۇ گۆشى، ماش ئۈندۈرمىسى، تەرخەمەك قەلەمچىسى.
تەييارلىنىشى: بىر پارچە توخۇ گۆشىنى قازانغا سېلىپ قاينىتىپ، پىشقاندىن كېيىن قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز، ئاندىن قازانغا ئازراق تۇز سېلىپ، يېشىل پۇرچاق ئۈندۈرمىسىنى پىشۇرۇپ سۈزۈپ ئالىمىز، ئۇنىڭدىن كىيىن قارا بۇغداي چۆپىنى قازانغا سېلىپ پىشۇرۇپ سۈزۈپ ئېلىپ، سوغۇق سۇغا چىلاپ قويىمىز، ئەڭ ئاخىرىدا قارا بۇغداي چۆپىنىڭ سۈيىنى تۆكىۋېتىپ كۈنجۈت يېغى قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، قارا بۇغداي ئۈگرىسىنى قاچىغا سېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا خام ئاچچىقسۇ ۋە خۇش پۇراق ئاچچىقسۇ قۇيۇپ، تەييارلانغان توخۇ گۆشى قەلەمچىسى بىلەن سەينى پىشۇرۇلغان قارا بۇغداي ئۈگرىسىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، ئاندىن يەنە ئازراق كۈنجۈت مېيى قۇيساقلا بولىدۇ.
بىز دائىم يەيدىغان ئاق ئۇن مومىسىغا سېلىشتۇرغاندا، ساپ بۇغداي مومىسىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن، ئۇنىڭ تەركىبىدە ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى سېللۇلوزا بار بولۇپ، كۆپ يېگەندە ئاشقازان ـ ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇيۇش تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ ھەم ئورۇقلىتىدۇ.
خۇرۇچلىرى: ئاق ئۇن، بۇغداي ئۇنى، ئېچىتقۇ پاراشوكى
تەييارلىنىشى: ئۇن بىلەن بۇغداي ئۇنىنى ئارىلاشتۇرۇپ، كىچىك بىر قوشۇق ئېچىتقۇ قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ، خېمىر يۇغۇرۇپ، خىمىرنى ئېچىتىمىز، خېمىر ئىككى ھەسسە ئەتراپىدا ئېچىغاندىن كېيىن، خېمىرنىڭ چوڭ ـ كىچىكلىكىنى ئوخشاش قىلىپ يۇمىلاق ھالەتكە كەلتۈرىمىز، ئاخىرىدا قازاندىكى سۇنى قىزىتىپ يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا يەتكۈزگەندىن كېيىن ئوتنى ئۆچۈرۈپ، ئاندىن رەتلەپ بولغان بۇغداي مومىسىنى قازانغا سېلىپ، تەخمىنەن 20 مىنۇت دۈملەپ، ئاندىن ئوتنى يېقىپ سەككىز مىنۇت ئەتراپىدا دۈملەپ بولغاندىن كېيىن ئوتنى ئۆچۈرۈپ ئۈچ مىنۇت دۈملىسەكلا بولىدۇ.
