1. دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز دەرەخ ئېۋكالىپت دەرىخى
دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز دەرەخ ئېۋكالىپت دەرىخى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئاۋسترالىيە يايلىقىدا ئۆسىدىغان، بۇلۇتقا تاقاشقان بىر خىل غايەت زور دەرەخ بولۇپ، ئۇنىڭ ئبگىزلىكى 156 مبتىرغا يبتىدۇ، 50 قەۋەتلىك بىنادىنمۇ ئبگىزرەك. ئېۋكالىپىت دەرىخى باشقا گىگانت دەرەخلەرگە ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ بويىغا قاراپ ئۆسۈشى ناھايىتى ئاستا بولۇپ، باشقا دەرەخلەردەك تېز ئۆسمەيدۇ، شۇڭا ئۇ «ئىنچىكە، ئۇزۇن»، لېكىن ئۇنىڭ يىلتىز سىستېمىسى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان، ئۇلارنىڭ يىلتىزى 30 كىۋادرات مېتىر يەرنى قاپلىيالايدۇ، بۇمۇ بۇ دەرەخنىڭ ئەڭ سىرلىق يېرى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇخىل دەرەخ شۇنچە ئېگىز ئۆسسىمۇ، لىكىن دەرەخنىڭ ئۇرۇقى گۈرۈچچىلىك چوڭلۇقتا بولىدۇ. ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئۆسكىنىگە 10 يىل بولغان بىر ئېۋكالىپىت دەرىخى ھەر كۈنى 1000 جىڭ سۇغا ئېھتىياجلىق ئىكەن.
2. دۇنيادىكى ئەڭ توم دەرەخ بەيچى كاشتان دەرىخى
بۇخىل دەرەخ ئوتتۇرا دېڭىزدىكى سىتسىلىيە ئارىلىدىكى ئېتنا يانار تېغىنىڭ يانباغرىدا ئۆسىدۇ. دەرەخ يەككە غولىنىڭ دىيامېتىرى 17.5 مېتىر، ئومۇمىي ئايلانمىسى 55 مېتىر بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ توم دەرەخ، شۇنداقلا ئەڭ توم ئۆسۈملۈك ھېسابلىنىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ كاشتان دەرىخى بىر يىلدا 2000 جىڭدىن ئارتۇق كاشتان مېۋىسى بىرەلەيدىكەن.
3. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دەرەخ گېنېرال شېرمان دەرىخى
گېنېرال شېرمان دەرىخى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى قىزىل شەمشاد دۆلەت باغچىسىدا. ئۇ گىگانت شەمشادقا تەۋە بولۇپ، دۇنيا بوۋىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دەرەخ بولۇپ، ئادەتتە ئەڭ چوڭ ئۆسۈملۈك دەپ قارىلىدۇ. بۇ دەرەخنىڭ ئېگىزلىكى 83.8 مېتىر، ئاستى قىسمىنىڭ ئەڭ چوڭ دىئامېتىرى 11.1 مېتىر، يېشى تەخمىنەن 3500 يىل. گېنېرال شېرمان دەرىخى 2002-يىلى 1487 كۇب مېتىر ھەجىمدە ئۆلچەنگەن بولۇپ، يەر شارىدا ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ چوڭ يەككە دەرەخ ھېسابلىنىدۇ.
4. ئەڭ ئاز ئۇچرايدىغان دەرەخ پۇتوكارپىنۇس دەرىخى
پۇتوكارپىنۇس جۇڭگوغا خاس ئەتىۋارلىق ئۆسۈملۈك بولۇپ، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇشەن تاقىم ئاراللىرىدىلا ئۇچرايدۇ، ھازىر پەقەت بىر تۈپىلا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، دۆلەت بويىچە 1-دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئۆسۈملۈك قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ دەرەخ سايىگە، قۇرغاقچىلىققا، بورانغا چىداملىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، تۈرلەرنى قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
5. ئەڭ قەدىمىي دەرەخ ياۋروپا شەمشادى
ياۋروپا شەمشادى يەنە نورۋېگىيە شەمشادى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئالىملار شۋېتسىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بىر تاغ تىزمىسىدا بايقىغان بىر تۈپ قەدىمىي دەرەخ بولۇپ، ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي دەرەخ ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ نامى Old Tjikko. ئېگىزلىكى 4 مېتىردىن ئاشىدىغان بۇ دەرەخ قارىماققا ناھايىتى ياش كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ يىلتىز سىستېمىسى 9500 ياشقا كىرگەن بولۇپ، يەنە داۋاملىق ئۆسۈۋېتىپتۇ. غايەت زور يىلتىز سىستېمىسىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ ياۋروپا شەمشادىنىڭ غولى نىسبەتەن «پاكار» بولۇپ، بەش مېتىردىن ئاشمايدۇ. ئۇنىڭ شۇنچە يىل ياشىيالىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇ جىنسسىز كۆپىيىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.


