大数跨境

بىز ئويلاپمۇ باقمىغان ئالتە خىل ئەڭ مەينەت يېمەكلىكلەر

بىز ئويلاپمۇ باقمىغان ئالتە خىل ئەڭ مەينەت يېمەكلىكلەر Qux Yixix
2025-11-16
2
图片
图片

غولپىياز : - تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، غولپىياز تەركىبىدە يوشۇرۇن پارازىت قۇرتلار بەك كۆپ ئىكەن .

تاللا بازارلىرىنىڭ ساقلاش ئۇسۇلى : - توڭلىتىپ ساقلاش

ئائىلىدە ساقلاش ئۇسۇلى بولسا : سىرتقى پوستىنى ئېلىپ تاشلاپ، سۇغا ئۇزاق ۋاقىت چىلاپ قۇيۇش.

图片


توخۇ گۆشى : -  484 توخۇنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە ،%42 بولسا ئەگرى-بۈگرى تاياقسىمان باكتىرىيە بىلەن يۇقۇملانغان %12 بولسا سالمونىللا باكتىرىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان . تەتقىقاتقا ئاساسلىنىشىچە، ئامېرىكىدا ھەر يىلى ھەربىر ئادەم 35 كىلوگىرام توخۇ گۆشى يەيدىكەن، كالا گۆشلىرىدىن يۇقىرى نىسپەتنى ئىگەللەيدىكەن. 

ئائىلىلەردە ساقلاش ئۇسۇلى: توخۇ گۆشىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن يۇيۇپ سۇغا چىلاپ قويغاندىن كېيىن ئاندىن ئىشلىتىڭ.

图片

بىز دائىم يەيدىغان ھامبۇرۇگ بولكىسى ئىچىدىكى گۆش بولسا تەركىبىدە %53 تاياقسىمان باكتىرىيە ھەمدە %30 شارسىمان باكتىرىيە بار ئىكەن.

图片

 قوغۇن تەركىبىدىمۇ بىز بىلمەيدىغان باكتىرىيىلەر مەۋجۇت شۇڭلاشقا بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك، تاللا بازارلىرىدا ساقلاش ئۇسۇلى: كېسىپ ئېلىپ قويغان قوغۇن ئاسانلا مىكروپلىنىپ قالىدۇ، شۇڭا كېسىپ ساتماسلىق كېرەك .

ئائىلىلەردە ساقلاش ئۇسۇلى: قوغۇننى يىيىشتىن ئاۋال بىر چايقىۋېتىپ يىيىش كېرەك.

图片

تۇخۇمنىڭ سىرتقى قىسىمىدا باكتىرىيىلەر توپلاشقان بولىدۇ، ئائىلىلەردە ساقلاش ئۇسۇلى: تۇخۇمنى قەغەزگە ئوراپ توڭلاتقۇنىڭ سوغۇق ساقلايدىغان يېرىگە قويۇپ ساقلاڭ، ئېسىڭىزدە بولسۇن تۇخۇمنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن قولىڭىزنى چايقىۋېتىڭ. 

تاللا بازارلىرىدا ساقلاش ئۇسۇلى: تۇخۇملارنى قەغەز يېشىككە قاچىلاپ، يۇقىرى تېمپىراتۇرىلىق مىكروپ يوقىتىش ئۆيىگە قويۇپ ساقلاش كېرەك.

图片

شاپتۇل. شاپتۇل قارىماققا پاكىزدەك كۆرۈنسىمۇ ،ئەمەلىيەتتە دېھقانلار نەچچە ھەپتە ئىلگىرى شاپتۇل ئۈستىگە دېھقانچىلىق دورىسى چاچىدۇ، ئىستىمال قىلغۇچىلارنىڭ قولىغا يەتكەندە بولسا توققۇز قات دېھقانچىلىق دورىسى چاچقان بۇلىدۇ . 

تاللا بازارلىرىدا ساقلاش ئۇسۇلى: شاپتۇلنى سۇلياۋغا ئوراپ باشقا مېۋىلەر بىلەن ئايرىم قۇيۇش كېرەك. 

ئائىلىلەردە ساقلاش ئۇسۇلى: يىيىشتىن بۇرۇن بۇلۇت ياكى چوت بىلەن پاكىز يۇيۇۋېتىپ ئاندىن ئىستېمال قىلىڭ.

图片

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Yixix
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 0
粉丝 0
Qux Yixix شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读0
粉丝0
内容0