ئاق ناۋات بىلەن سېرىق ناۋاتنىڭ قايسىسى ياخشى؟
سېرىق ناۋات ۋە ئاق ناۋات
ناۋات ئاق شېكەرنى خام ئەشيا قىلىپ، ئېرىتىپ، ئارىلاشمىلارنى چىقىرىپ، قاينىتىپ، كرىستاللاشتۇرغاندىن كېيىن ياسىلىدۇ، ياساش ھۈنەر-سەنئىتى ئوخشىمىغانلىقتىن، يەككە كرىستال ۋە كۆپ كرىستال ھاسىل بولىدۇ، يەككە كرىستال ئاق ناۋات، كۆپ كرىستال بولسا سېرىق ناۋات.
ئاق ناۋات بىلەن سېرىق ناۋات ئەڭ چوڭ پەرقى
ھۈنەر سەنئەت
ئاق ناۋات رەڭسىزلەندۈرۈلگەن ۋە كۆپ قېتىم چەككىلەنگەن، بۇلغانمىلار چىقىرىۋېتىلگەن بولغاچقا، رەڭگى سۈزۈك، ئاق، ئارىلاشما ماددىلارمۇ ئاز، تاتلىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولىدۇ؛
سېرىق ناۋات يەنە يەرلىك ناۋات دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ساخاروزىنى دەسلەپكى قەدەمدە پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق ياسىلىدۇ، رەڭسىزلەندۈرۈلمەيدۇ ۋە ساپلاشتۇرۇلمايدۇ، شۇڭا ئىچىدە ئازراق ئارىلاشما ماددىلار قېلىپ، ساخاروزىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ساقلىنىپ قالىدۇ، لېكىن رەڭگى سېرىق بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قېنىق-سۇسلۇقى ئوخشاش بولمايدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ئوخشىمايدۇ
ئاق ناۋاتنىڭ شەكلى، رەڭگى سېرىق ناۋاتتىن ياخشى، ئەمما ئاق ناۋاتنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق جەريانلار ئارقىلىق ساپلىق دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسا، تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار شۇنچە ئاز بولىدۇ، شۇڭا ئوزۇقلۇق قىممىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ. ئەمما، بۇلغانمىغان سېرىق ناۋات كۆپ قىسىم ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ساقلاپ قالىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئاق ناۋاتتىن يۇقىرى ھەم تېخىمۇ ئەتراپلىق بولىدۇ.
تاتلىقلىق دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ
ئاق ناۋات كۆپ قېتىم ساپلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تاتلىقلىق دەرىجىسى سېرىق ناۋاتنىڭ تاتلىقلىقىدىن كۆپ يۇقىرى بولىدۇ.
ئىشلىتىش ئورنى ئوخشىمايدۇ
ئەگەر سىز ناۋات سېتىۋېلىپ، ئادەتتىكى قۇۋۋەت تولۇقلاش ۋە تەڭشەش، چاي دەملەش، قايناق سۇغا چىلاش قاتارلىقلارغا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، سېرىق ناۋاتنى تاللىسىڭىز، ئوزۇقلۇق قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
ئەگەر سىز قورۇما قورۇش، تاتلىق تۈرۈم تەييارلاش قاتارلىقلارغا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، ئاق ناۋاتنى تاللاڭ، چۈنكى ئاق ناۋات ئېرىسە، تاتلىقلىق دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
تاتلىقلىق دەرىجىسىدىن ئېيتقاندا: ئاق ناۋات تېخىمۇ تاتلىق.
سىرتقى شەكلىدىن ئېيتقاندا، ئاق ناۋات رەڭگى سۈزۈك، سېرىق ناۋات رەڭگىنىڭ قېنىق-سۇسلۇقى ئوخشاش بولمايدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى جەھەتتىن ئېيتقاندا: ئادەتتە قۇۋۋەت تولۇقلاش ۋە تەڭشەشتە سېرىق ناۋات، قورۇما قورۇغاندا رەڭ بېرىش ۋە تاتلىق تۈرۈملەردە ئاق ناۋات ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭا، كېيىن ناۋات سېتىۋالغاندا، كۆپچىلىك ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن ناۋات رەڭگىنى تاللىسا بولىدۇ.
ناۋاتنى قانداق ساقلاش كىرەك؟
1. ناۋات ئاسان سۇ سۈمۈرىدىغان، نەم تارتىپ قالىدىغان بولغاچقا، سالقىن، شامال ئۆتۈشىدىغان جايغا قويۇش كېرەك. ئورالمىنى ئاچقاندىن كېيىن ئەڭ ياخشىسى ھىم ئېتىلگەن ئەينەك ياكى سۇلياۋ بوتۇلكىغا سېلىش ياكى سۇلياۋ خالتىنىڭ ئاغزىنى ھىم ئېتىپ نەملىكتىن ۋە قۇياش نۇرىنىڭ تىك چۈشۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك، بولمىسا ئاسانلا سارغىيىپ ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، ھەتتا مىكرو ئورگانىزم، كانا پەيدا بولىدۇ.
2. ناۋاتنىڭ نەملىشىپ قالغانلىقى بايقالسا، شامالدۇرغۇچ بىلەن پۈۋلەپ قۇرۇتسا ياكى تاكى قۇرۇغىچە ئاپتاپقا قاقلانسا بولىدۇ.
3. ناۋات يۈزىدە ئېرىش ھادىسىسى كۆرۈلسە (بىر قەدەر يېپىشقاق)، ئائىلىدە بىر تەرەپ قىلىش تەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسانلا باكتېرىيە پەيدا بولىدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى يېمەسلىك كېرەك.
ئاخىرىدا، ناۋاتنى ساقلاش مۇددىتى ئادەتتە 18 ئاي بولىدۇ، ساقلاش مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك.


