ئاياللار گۈزەللىكنى سۆيىدۇ ، مەڭگۈ قېرىماي ياش تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ . لېكىن ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ، قېرىشتىن ساقلىنىش تەس . بۇنىڭ ھەممىسى ئانىلىق ھورمۇننىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىلىش سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . ئانىلىق ھورمۇن تۆۋەن بولسا ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىگە تەسىر يېتىپلا قالماي يەنە ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ ، تۇخۇمدانىغا تەسىر كۆرسىتىپ ، ھەر خىل ئاياللار كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئاياللارنىڭ قېرىشنى كېچىكتۈرۈشى ئۈچۈن ئانىلىق ھورمۇن ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ .
تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنى خانىم - قىزلار كۈندە يەپ بەرسە ، ئانىلىق ھورمۇننى تولۇقلاپ ، قېرىشنى كېچىكتۈرۈپ ، تېخىمۇ گۈزەل تۇرىدۇ .
1. نېلۇپەر ئۇرۇقى : - نېلۇپەر ئۇرۇقى تەبئىي يېمەكلىك ماتېرىيالى ، ئۇنىڭ تەركىبىدە مول ئاقسىل ، كۆپ خىل ۋېتامىن ، مېنىرال ماددا ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار بار . ئاياللار دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرسە ، ئانىلىق ھورمۇننى تولۇقلاپ ، تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ .
2. كاۋا : - كاۋىنىڭ تەركىبىدە مول ۋېتامىن E بار ، ئۇنىڭ ئانىلىق ھورمۇننىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىلىشىنى كونترول قىلىش رولى بار .
ئۇنىڭدىن باشقا ، ۋېتامىن E ئادەم بەدىنىدىكى ئاكتىپ ئوكسېگىننى ئۈنۈملۈك تازلاپ ، تېرىنى ساغلام قىلىدۇ ۋە يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . كاۋىنىڭ تەركىبىدە مول سېلېن ۋە سېنىك بار ، ئۇلارمۇ ئانىلىق ھورمۇننى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ .
3. ئەتىرگۈل چېيى : - دائىم ئەتىرگۈل چېيىنى ئىچىپ بەرسە ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈپلا قالماي ، يەنە ئادەم بەدىنىدىكى ئىچكى ئاجراتمىلارنى تەڭشەپ ، بەدەندىكى ئانىلىق ھورمۇننىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .
4. تىكەنلىك كاشتان : - تىكەنلىك كاشتان ئۇزۇقلۇق مول مېۋە . تەركىبىدە مول ۋېتامىن C بار . ئۇنىڭ قېرىشنى كېچىكتۈرۈش رولى بار . ئاياللار دائىم ئازىراق يەپ بەرسە ، تۇخۇمداننىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ، ئىچكى ئاجرىتىشنى تەڭشەيدۇ . تىكەنلىك كاشتاننىڭ يەنە راكقا قارشى تۇرۇش رولى بار . ئاياللار ھەر كۈنى 3 تالدىن 5 تالغىچە تىكەنلىك كاشتاننى سۇغا چىلاپ ئىچىپ بەرسەم تۇخۇمدانى ئاسىراپ ، تۇخۇمدان راكىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ .
5. ئالىقات : - كۆپچىلىك ئالىقاتنى ئەرلەرنىڭ بۆرىكىنى قۇۋۋەتلەيدىغان ياخشى يېمەكلىك دەپ قارايدۇ . ئەمەلىيەتتە ، ئۇ ئاياللارنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدىغان ياخشى يېمەكلىك . ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق مول بولغاچقا ، ئۇنىڭدا ئوماچ ئېتىپ ئىچسەك ، سۇغا چىلاپ ئىچسەك ، ھاراققا چىلاپ ئىچسەك بولىدۇ .
خىزمىتى ئالدىراش كىشىلەر ئالىقات چىلانغان سۇنى ئىچسە ناھايىتى قولايلىق . ئاياللار دائىم ئالىقات ئىستىمال قىلىپ بەرسە ، ئانىلىق ھورمۇننىڭ ئازلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، قېرىشنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ ، يەنە ھەيز بالدۇر توختاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
6. قارا كۈنجۈت : - قارا كۈنجۈتنىڭ تەركىبىدە ۋېتامىن E بار . ۋىتامىن E ئاياللارنىڭ تۇخۇمداننى ئاسراپ ، كۆپلىگەن ئانىلىق ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىپ ، پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىدۇ . يەنە قېرىشقا قارشى تۇرۇش رولىمۇ بار . قارا كۈنجۈت يەنە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ ، دائىم يەپ بەرسە تۇخۇمداننى ئاسىرايدۇ ، ئاياللارنى تېخىمۇ ياش ، گۈزەل كۆرسىتىدۇ .
7. دېڭىز يۇسۇنى : - دېڭىز يۇسۇنىنىڭ تەركىبىدىكى يود ئاياللارنىڭ قېنىنىڭ كىسلاتا - ئىشقارلىقىنى تەڭشەپ ، ئانىلىق ھورمۇننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ ، تۇخۇمداننىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدۇ .



