ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ
سۈتنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، كىشىلەر ئەتىگەنلىك ناشتىدا سۈت ئىچىشنى ئۆزىگە كۈندىلىك ئادەت قىلغان. يەنە بەزى كىشىلەر ئىشخانىدا خىزمەت ۋاقتىدا ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. سۈتنى كۆپ ئىچسىلا بەدەنگە پايدىلىق، قۇۋۋەتلىك بولىدۇ دەپ ئويلامسىز؟ قانداق ۋاقىتتا سۈت ئىچسە ئەڭ ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تۆۋەندە بىز سىزگە سۈت ئىچىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتىنى سۇنىمىز.
ناشتىدىن كېيىن
سۈت بەدەنگە ئىنتايىن ئاسان سىڭىدىغان تەبىئىي يېمەكلىك. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى ھەرگىزمۇ ئەتىگەنلىك ناشتىدىن بۇرۇن، يەنى ئاچ قورساق ھالەتتە سۈت ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك. سۈت ئىچىشتىن ئاۋۋال چوقۇم ئازراق نان يېيىش ياكى پۇرچاق، گۈرۈچ تۈرىدىكى بوتقىلار بىلەن بىللە ئىچىش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى ناشتا قىلىپ يېرىم سائەتتىن كېيىن ئاندىن ئىستېمال قىلسا ئەڭ ئۈنۈملۈك بولىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئاچ قورساق ھالەتتە ئاشقازاننىڭ لۆمىلدىشى ئىنتايىن تېز بولۇپ بۇنداق ۋاقىتتا سۈت ئىچسە ئاشقازانغا كىرىپلا بىۋاستە چوڭ ئۈچەيگە يەتكۈزۈلىدۇ دە، سۈت ئىچكەننىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمايدۇ.
چۈش سائەت 2:00 ئەتراپىدا
ئادەتتە چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن كۆپىنچە كىشىلەر ئارام ئېلىشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، سائەت 1:30 ئەتراپىدا ئادەم بەدىنى ۋە نېرۋىسى چارچاش باسقۇچىدا بولغاچقا بىر ئىستاكان سۈت ئىچسە بەدەننى قۇۋۋەتلەش، روھىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، بېسىمنى يەڭگىللىتىش رولىنى ئوينايدۇ. ھەمدە ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىشىنى ياخشىلاپ بەدەنگە ئوزۇقلۇق تولۇقلايدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا يەنىلا ئاز مىقداردا بولكا ياكى باشقا يېمەكلىكلەر بىلەن بىللە ئىستېمال قىلسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

كەچتە ئۇخلاشتىن يېرىم سائەت ئىلگىرى
كەچتە ئۇخلاشتىن ئاۋۋال بىر ئىستاكان سۈت ئىچسە ئۇيقۇنى ياخشىلاش، نېرۋىنى ئارام ئالدۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە يەتكىلى بولىدۇ. ئۇخلىغان ۋاقىتتا سۈت تەركىبىدىكى كالتسىي ئاستا-ئاستا قان تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ، قاندىكى كالتسىي مىقدارىنىڭ تولۇقلىنىشىغا ياردىمى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قاننىڭ سۆڭەك تەركىبىدىكى كالتسىينى سۈمۈرۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.



