چۈشىڭىزدە نىقابلىق تانسا كېچىلىكىگە قاتناشسىڭىز، سىزنىڭ ئەخمىقانە، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن زىيانلىق بولغان پەس ئارزۇ - ھەۋەسلەرگە بېرىلىپ كېتىدىغانلىقىڭىزنى، ئۆزىڭىزنىڭ كەسپىي ۋە ئائىلىدىكى مەسئۇلىيىتىڭىزنى ئۇنتۇپ قالىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.
ياش ئايال چۈشىدە نىقابلىق تانسا كېچىلىكىگە قاتناشسا، ئۆزىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئالدىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
چۈشىدە تانسا كېچىلىكىگە قاتنىشىپ، تانسا كېچىلىكىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ناھايىتى رەسمىي كىيىنىپ، مۇزىكىمۇ ناھايىتى يېقىملىق بولسا، بۇ بىر ياخشى چۈش، ئامەتمۇ كېلىدۇ. لېكىن چۈشىڭىزدە كەيپىياتىڭىز چۈشكۈن بولۇپ، ئۇسسۇل ئوينىغىڭىز كەلمىسە، بۇ كىشىلىك مۇناسىۋىتىڭىزنىڭ ناھايىتى ناچارلىقىنى، سىردىشالايدىغان دوستىڭىزنىڭ يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
چۈشۈدە دوستۇنىڭ ئۆيىدىكى يىغىلىشقا تەكلىپ قىلىنسا، بۇ ئىش-ھەرىكەت جەھەتتىكى تەلىيىنىڭ تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. سىزنىڭ سۆز - ھەرىكىتىڭىز جەھەتتە بەك يېنىكلىك قىلغاچقا، كۈلكىگە قېلىشىڭىز مۇمكىن. يەنە باشقا ئوڭايسىز ئىشلار يۈز بېرىشى مۇمكىن، شۇڭا ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىشڭىز كېرەك.
چۈشىڭىزدە تانسا كېچىلىكىدە ئۇسسۇل ئوينىسىڭىز، سىز بىلەن مۇھەببەتلەشكەن لايىقىڭىزنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىدىغانلىقىڭلاردىن دېرەك بېرىدۇ.


