سىز ھەپتە ئاخىرىدا بالىڭىزغا قانچە پۇل خەجلىگەنلىكىڭىزنى ھېسابلاپ باقتىڭىزمۇ؟
كۆڭۈل ئېچىش مەيدانىنىڭ كىرىش بېلىتى 100 يۈەن، ۋاڭخۇڭ ئاشخانىدا تاماق يېيىش 200 يۈەن، ئەتراپتىكى ساياھەت رايونىغا بېرىپ ئويناپ كېلىش 300 يۈەن، بىر ئايدا 3000-1000 يۈەن دېگەن گەپ .
ئەمما ، ئاخىرىدا بالا ھەقىقىي نېمىگە ئېرىشتى؟
ئىككى سائەت ئۆچرەتتە تۇرۇپ يېرىم سائەت ئوينىدى . ئۆيگە قايتقاندا بالىنىڭ ئەڭ ئويلايدىغىنى يەنىلا شۇ 10 يۈەنلىك سولياۋ ئويۇنچۇق ئىدى.
سىز بۇنى ھەمراھ بولۇش دېدىڭىزمۇ؟
ئەمەلىيەتتە بۇ پەقەت پۇل خەجلەپ بېرىشنى مائارىپنىڭ، ھەقىقىي تۈردە ھەمراھ بولۇشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، ئۆزىنىڭ خىجىللىق تۇيغۇسىنى تولدۇرۇش خالاس.
تېخىمۇ قورقۇنچلۇقى شۇكى، بۇنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان سىز كۆرمىگەن يوشۇرۇن زىيان:
تاختا كومپيۇتېر ئىچىدىكى كارتون، ھەر خىل ئويۇنلار، سودا سارايدىكى ماشىنا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بالىلارنىڭ خۇشاللىق چەك قىممىتىنى ئاستا-ئاستا يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئۇ مۇشۇنداق ئاسانلا قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان كۈچلۈك غىدىقلاشقا كۆنۈپ قالغان بولۇپ، يەنە ئولتۇرۇپ كىتاب ۋاراقلىسىلا، ئىككى بەت ۋاراقلىسىلا زېرىكىپ قالىدىغان ھالەتكە كېلىدۇ. تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە، ئون مىنۇتتىلا دىققىتى چېچىلىپ كېتىدۇ؛ دەرسخانىدا بەش مىنۇت دەرس ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۆچۈرگۈچنى كولاشقا باشلايدۇ.
بالىنى ئۆگىنىش خوش ياقمايدۇ دەپ قاقشىدىڭىز ؟ ئەمەلىيەتتە، سىز ئۇنىڭ دىققىتىنى يىغىش ئىقتىدارىنى ئۆز قولىڭىز بىلەن نابۇت قىلدىڭىز . — بۇ خۇددى ھەر كۈنى بالىغا كەمپۈت يېگۈزىۋەرسە، نورمال تاماق ئاغزىغا ئەسلا تېتىمايدىغان بولۇپ قالغانغا ئوخشاش.
ھەقىقىي ئەقىللىق ئاتا-ئانىلار ھەپتە ئاخىرىدا ئەكسىچە «ھۇرۇنلۇق»قىلىدۇ:
بالىسىنىڭ كۈن تەرتىپىنى لىق توشقۇزۇپ قويمايدۇ، يان تېلېفونىنى ئۇنىڭغا بالا بەزلەش قورالى قىلىپ بەرمەي، ئۇنى تازا بىكار قويىدۇ.
دەسلەپتە بالا زېرىكىپ قېلىشى، ئاچچىقلىنىشى مۇمكىن. بىراق، ئاشۇ بىزارلىق كەيپىياتىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئۇ توپا بېسىپ كەتكەن رەسىملىك كىتابنى ئاختۇرۇپ چىقىپ، رەسىم قەلىمىنى ئېلىپ رەسىم سىزىشقا باشلايدۇ. ھەتتا، دېرىزە تەكچىسىدە يېتىپ چۈمۈلىلەرنىڭ ئوزۇقلۇق توشۇشىنى يېرىم سائەت كۆرۈپ ئولتۇرىدۇ.
ئۇ ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلىغان بۇ خىل پەيت چوڭ مېڭىنىڭ ھەقىقىي يېتىلىشى، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشىنىڭ ئاستا-ئاستا ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئالتۇن ۋاقىتتۇر.
سىزگە بالىنىڭ جىممىدە ئۆزى بىر سائەتتىن ئارتۇق ئويناپ كەتكىنىنى كۆرمىگىلى قانچە ئۇزۇن بولدى؟
ئۇنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن «كىتاب كۆرگۈم بار»دېگىنىنى ئاڭلىمىغىلى قانچىلىك بولدى؟
بالا بېقىشنىڭ ئەڭ قىممەتلىك تەننەرخى ئەزەلدىن پۇل ئەمەس، بالىنىڭ دىققىتى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارىنى پۇل بىلەن سېتىۋالغىلى بولمايدۇ. ئەڭ قىممەتلىك تەربىيە - بالىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭغا توسالغۇ بولماسلىق ۋە ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ دۇنياسىنى يارىتىشىغا پۇرسەت بېرىشتۇر. شۇڭا پۇلنى ئەمەس، ۋاقىتنى ۋە سەۋرنى تەربىيەگە سەرپ قىلىڭ.


