大数跨境

قان بېسىمىغا ئەڭ پايدىلىق يېمەكلىكلەر ساقلىۋېلىڭ

قان بېسىمىغا ئەڭ پايدىلىق يېمەكلىكلەر ساقلىۋېلىڭ Qux Yixix
2026-02-04
2

图片لامنارىيەنى قەلەمچە قىلىپ توغراپ، سۇڭپىياز، تۇز، ئاچچىقسۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سوغۇق سەي قىلىپ يەپ بەرسە قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش، قاننى راۋانلاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.

سامساق پالەك ئارىلاشمىسى:


پالەكنى سۇدا قاينىتىپ ئېلىۋالىمىز. ئاندىن سامساق، كۈنجۈت مېيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسىلا بولىدۇ.

تەرخەمەك سۈيى:

图片

تەرخەمەكنىڭ سۈيىنى چىقىرىپ شەربىتىنى ئىچىپ بەرسە قان تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

باشپىياز تۇخۇم قورۇمىسى:

图片

باشپىياز بىلەن تۇخۇم قورۇمىسىنى يەپ بەرسىمۇ قان تومۇرلارنى ئېچىش، قېتىپ قالغان تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئەسكەرتىش: ماينى كۆپ قويماسلىق كېرەك.

ئاچچىقسۇغا چىلانغان خاسىڭ:

图片

خاسىڭنى ئاچچىقسۇغا چىلاپ، سالقىن كۈن چۈشمەيدىغان ئورۇندا 7 كۈن ئەتراپىدا ساقلاپ قويۇپ يەپ بەرسە قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش، قاننى راۋانلاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.

سۇدا پىشۇرۇلغان كۆممىقۇناق:

图片

كۆممىقۇناقنى سۇدا پىشۇرۇپ يەپ بەرسە مىتابولىزىمنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىچكى ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ.

ئۇزۇن پېدىگەن:

图片

ئۇزۇن پىدىگەننى 20 مىنۇت ئەتراپىدا ھورداپ يۇمشىتىمىز، ئاندىن قازاندىن ئېلىپ مۇزلىتىمىز. بىر پارچە بىر پارچە قىلىپ كېسىۋالىمىز. قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ تۇز قويىمىز. ئاخىرىدا ئوتنى ئۆچۈرۈپ پارچىلىۋالغان پىدىگەن، سامساق، باشپىياز قويۇپ ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىمىز.

قارا مور بىلەن پىچەكگۈل (山药) قورۇمىسى:

图片

قارا مور، سامساق، پىياز ۋە پىچەكگۈلنى ئارىلاشتۇرۇپ قورۇپ يەپ بەرسە بەدەندىكى ئارتۇق ماينى سىيرىش، قاننى راۋانلاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.

كەترەن بىلەن سەۋزە:

图片

ئاز مىقداردا ماينى قىزدۇرۇپ كەترەن بىلەن سەۋزىنى قورۇپ يەپ بەرسە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. 

يۇقارقى مەزمۇن ئېلمىي تەتقىقات نەتىجىسى ئەمەس، بەدىنىڭىزدەھەرقانداق ئاغرىق ئەھۋالى كۆرۈلسە دوختۇرنىڭ تەكلىپىنى ئېلىڭ!

图片

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Yixix
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 128
粉丝 0
Qux Yixix شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读49
粉丝0
内容128