ئەگەر چۈشىدە، چۈش كۆرگۈچى ياۋايى ھايۋانلاردىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان جاينى ئىزدەۋاتقان بولسا، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقىنى رېئاللىقتىكى خەتەر بولماستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ ئىچكى ھايۋان تەبىئىتىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە ياۋايى ھايۋانلارنى كۆرۈش ،چۈش كۆرگۈچىنىڭ قەلبىدىكى ھېسسىياتتىن دېرەك بېرىدۇ، بەلكىم مەلۇم شەيئىدىن ئالاھىدە قورقۇش بولۇشى مۇمكىن، مەلۇم شەيئىنى ياۋايى ھايۋان دەپ قاراپ، ئىنتايىن قورقۇش، بولۇپمۇ ئۆلۈمدىن قورقۇش بولۇشى مۇمكىن.
سودىگەر چۈشىدە ياۋايى ھايۋان كۆرسە،چۈش كۆرگۈچىنىڭ سودىسى دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە ياۋايى ھايۋانلارنى ئۆلتۈرگەندە، چۈش كۆرگۈچىنىڭ دۈشمەننىڭ ئىزىنى بىلىۋالالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنداقلا دۈشمەنگە قايتۇرما زەربە بېرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا دۈشمەننى مەغلۇپ قىلالايدۇ.
بىمار چۈشىدە ياۋايى ھايۋانلارنى كۆرسە،ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئانچە چۈشەنمەيدىغانلىقىنى، كېسەل بولۇپ قېلىشتىن ئىنتايىن قورقىدىغانلىقىنى، شۇڭا داۋالاش ئىنتايىن قىيىن ئىكەنلىكىنى، بۇنداق كېتىۋەرسە بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە ياۋايى ھايۋانلارنى قوغلىۋېتىش ،چۈش كۆرگۈچىنىڭ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق قىيىنچىلىقنى ئوڭۇشلۇق يېڭىپ، ئاخىرىدا ئىشنى ھەل قىلىپ كۆپچىلىكنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئەرلەر چۈشىدە ياۋايى ھايۋانلارنى كۆرسە، چۈش كۆرگۈچىلەرنىڭ رېئال تۇرمۇشتا قىيىنچىلىق ۋە ئازابقا دۇچار بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بەزى ئىشلاردا ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھايات يۆنىلىشىنى تاپالمايدىغاندەك ھېس قىلىدۇ.
ئاياللار چۈشىدە ياۋايى ھايۋانلارنى كۆرسە، چۈش كۆرگۈچىلەرنىڭ مۇھەببەت جەھەتتە ناچار ئادەمگە يولۇقىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، سىزگە يېقىنلاشقان مەلۇم بىر ئادەمگە ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ، ھېسسىياتقا ئالدىنىپ قالماڭ.

