大数跨境

كەچتە ئۇيقۇسى كەلمەيدىغانلار سىناپ بېقىڭ

كەچتە ئۇيقۇسى كەلمەيدىغانلار سىناپ بېقىڭ Qux Yixix
2026-03-10
2

图片ئۇيقۇسىزلىقنىڭ سەۋەبى ناھايتى كۆپ بولۇپ ، يىغىنچاقلىغاندا

مېڭىگە زىيادە قۇرۇقلۇقنىڭ يېتىشى ، ئۇنىڭدىن باشقا ئۆتكۈر ۋە سوزۇلما خارەكتىرلىك كېسەللىكلەرنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ . كېچىنى كۆز يۇمماي ئۆتكۈزۈش ياكى كۆز يۇمۇش بىلەن غەيرىي چۈش كۆرۈش ، 1-3 سائەتنى ئۇخلاش بىلەن ئۆتكۈزۈپ ، بىر كېچە كۈندۈزنى ئۇيقۇسىراش بىلەن ئۆتكۈزۈش بۇ كېسەللىكنىڭ مۇھىم ئالامىتى ھېساپلىنىدۇ .

ئۇنى داۋالاشنىڭ ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە : -

图片

ھەر قېتىم ئۇخلاشتىن بىر سائەت ئىلگىرى يەتتە دانە سوقا چىلاننى ئۇرۇقچىسى بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلسا شىپا بولىدۇ .

图片

كۈندە كەچ يېتىشنىڭ ئالدىدا تىزنىڭ تۆۋەنكى قىسمىنى ئىلمان سۇغا 5-15 مىنۇتقىچە چىلاپ يۇيۇپ بەرسە شىپا بولىدۇ .

يېڭى لىموننى پۇرىسا ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ ، روھنى قوزغىتىپ ، يۈرەكنى شادلاندۇرىدۇ .

图片

يۇمغاقسۈت كۆكىنى چىڭ سىقىپ ، سۈيىگە مەلۇم مىقداردا شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا ، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ .

图片

كۈندە كەچ ئۇخلاشتىن يېرىم سائەت ئىلگىرى بىر ئىستاكان سۇۋۇتۇلغان قايناق سۇغا بىر قوشۇق ئاچچىقسۇنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىۋەتسە، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ .

图片

بالىلارنىڭ ئۇيقۇسى ئازلاپ كەتسە ، قوينىڭ قۇيرۇق يېغىنى بالىنىڭ ساغرىسى ، غولى ، يىرىقلىرى ۋە ئۈگىلىرىگە سۈركەپ بەرسە ياخشى ئۇخلايدۇ .

图片

كاللەكبەسەينى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ ، بۇرنىغا تېمىتىپ بەرسە ، ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ.

图片

تەرخەمەكنى پۇراپ بەرسە ياكى پوستىنى سويۇپ پېشانىگە قويۇپ بەرسە ، ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ .

图片

ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر بىر تال سۇڭپىيازنى ئاقلاپ بىر نەچچە پارچە قىلىپ ، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ياستۇقنىڭ يېنىغا قويۇپ قويسا ، تېزلا ئۇخلاپ قالىدۇ .

图片

چەكلىك تاماققا كۆپ مىقداردا پىياز قوشۇپ ئىستېمال قىلسا ، نېرۋا ۋە بەدەننىڭ چارچىغانلىقىنى يوقىتىپ ، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ . 

图片

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Yixix
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 128
粉丝 0
Qux Yixix شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读49
粉丝0
内容128