چۈشىڭىزدە ئۆي كۆچۈش سىزنىڭ ھازىرقى دوستلىرىڭىز، ئاشىق-مەشۇقلىرىڭىز، شېرىكلىرىڭىز ياكى ھازىرقى خىزمەت مۇھىتىڭىز، تۇرمۇش مۇھىتىڭىز، ھەتتا ئۆزىڭىزنىڭ جەمئىيەت ۋە تۇرمۇشتىكى رولىڭىزدىن نارازى بولغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ، سىز قەلبىڭىزدە كۆز ئالدىڭىزدىكى ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشنى، خىزمەت ئورنىڭىزنى ئالماشتۇرۇشنى ياكى يېپيېڭى تۇرمۇشنى باشلاشنى ئارزۇ قىلىسىز.
چۈشۈمدە ئۆزۈمنىڭ ئۆي كۆچۈۋاتقانلىقىمنى ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن چارچاپ كېتىۋاتقانلىقىمنى كۆردۈم. مەسىلەن، ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈش،چارچاش قاتارلىقلار سىزنىڭ بىر مەزگىل جاپالىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرىدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىڭىزدە يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرسىڭىز، بۇ سىزنىڭ يېڭى دوستلار بىلەن تونۇشىدىغانلىقىڭىزدىن، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە خۇددى بېلىق سۇغا ئېرىشكەندەك، دوستلۇق ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن، يېڭى تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.
پاي چېكى بازىرى يشىمى :
چۈشىدە ئۆي كۆچۈش، كۆچۈش، يېڭى ئۆيگە كۆچۈش:
ئەگەر چۈشىدە يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن نەرسە - كېرەكلەرنى يۆتكىمەكچى بولسا، ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋالسا بولىدۇ، ئەگەر كېمە بىلەن يۆتكىمەكچى بولسا، كېمە ياساش شىركىتىنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋالسا بولىدۇ، بىراق شەرققە قاراپ ماڭسا سېتىۋىلىش، غەربكە قاراپ ماڭسا سېتىپ چىقىرىش كېرەك.


