چۈشىڭىزدە توخۇ يۇيۇش سىزنىڭ دوستىڭىزغا ھەقىقىي مۇھەببەت ئاتا قىلغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ، سىزمۇ باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلەيسىز، خىزمەت سورۇنىدا ياكى ئەمەلدارلىق سورۇنىدا كۈتۈلمىگەن خۇشاللىققا ئېرىشىپ، بىر كىشىلىك خىزمەتكە ئېرىشەلەيسىز.
چۈشىڭىزدە خورازنىڭ چىللىشى سىزنىڭ يېقىندا باشقىلار بىلەن تاكاللىشىپ قالىدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇڭا سىز باشقىلار بىلەن ئىناقلىققا تەسىر يېتىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سۆز - ھەرىكىتىڭىزگە دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك.
چۈشىڭىزدە توخۇنىڭ دەرەختە ئارام ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىڭىز، بۇ سىزنىڭ يېقىندىن بۇيان ئامەتلىرىڭىزنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، خىزمىتىڭىزنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلىسىڭىز پايدا ئالالايسىز.
چۈشىڭىزدە توخۇ سېتىۋېلىپ، توخۇ سېتىپ چۈشىسىڭىز، ئامەت كېلىپ ، سىز تېگىشلىك بولمىغان بايلىققا ئېرىشىسىز. توي قىلمىغانلار ھەمراھ تاپىدۇ توي قىلغانلارنىڭ پەرزەنتى بولىدۇ.
توخۇ چۈشىدە بايلىق مەنبەسى ۋە تەلەيدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە توخۇ تۇخۇم چىقارسا، خۇشاللىق بولىدۇ.
چۈشىدە سېمىز توخۇنى كۆرسە، پايدىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئورۇق توخۇ بولسا پايدىنىڭ ئادەتتىكىچە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
چۈشىدە مېكىياننى كۆرۈش، ئادەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، ھوسۇل ئېلىشتىن دېرەك بېرىدۇ.
رەڭ جەھەتتىن ئېيتقاندا، قارا رەڭلىك مېكىيان يامان خەۋەرنى، ئاق رەڭلىك مېكىيان خۇش خەۋەردىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە نۇرغۇن مېكىيانلارنى كۆرۈش بايلىق مەنبەسىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىڭىزدە مېكىياننى چۈشىسىڭىز ،بەتخەجلىك قىلىپ، خالىغانچە بۇزۇپ - چېچىپ، ئۆي بىساتىڭىزنى بۇزۇپ - چېچىپ تۈگىتىۋەتكەنلىكىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ، بىكار يېتىپ يېسە تاغمۇ توشىمايدۇ.
چۈشىدە مېكىياننى باشقىلار ئوغرىلاپ كەتسە، بۇ ئۆيگە ئوغرى كىرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئىشىكتىن چىققاندا چوقۇم ئىشىك - دېرىزىلەرنى ياخشى تاقاش كېرەك.


