تېلېفۇننى كارىۋاتقا ئېلىپ چىقماسلىق

يان تېلېفوننى ئېلىپ كارىۋاتقا چىققاندا، نورمال ئۇخلاش ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كارىۋاتتا يېتىپ يانفون ئويناشنىڭ كۆز ۋە بويۇن ئومۇرتقىسىغا بولغان زىيىنى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ.
كارىۋاتقا چىققاندىن كېيىن بىردەم كىتاب كۆرۈپ، ۋاقتىدا ئۇخلاش، يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ناشتىلىق يىيىش
ناشتا قىلغاندا، يېتەرلىك ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، ئەتىگەندە ئورنىمىزدىن تۇرغاندا، بىر كېچە تاماق يېمىدۇق، ئەگەر ۋاقتىدا تولۇقلىمىساق، بەدىنىمىزنى ئاسانلا كاردىن چىقىرىدۇ.
ھەر كۈنى ئەتىگەندە سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ھالدا ناشتا قىلىپ، بەدەننى ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
ھەممە ئىشتا 10 مىنۇت بۇرۇن بولۇش

ھەر قانداق ئىشنى قىلغاندا، ئەڭ ياخشىسى ئۆزىگە ئازراق ئىمكانىيەت قالدۇرۇش كېرەك. ھەر قانداق ئىشنى 10 مىنۇت بۇرۇن قىلىش، تۇيۇقسىز ئەھۋال يۈز بەرگەندە ئۆزىنى بىر تەرەپ قىلىشقا يېتەرلىك ۋاقىت چىقىرىش، ھەمىشە ئۆزىنى بىر خىل ئىنتايىن جىددىي ھالەتتە تۇرغۇزماسلىق كېرەك.
ئىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئايرىش

ھەر كۈنى خىزمەتنى باشلاشتىن بۇرۇن، ئالدىراپ-تېنەپ نېمە ئۇچرىسا شۇنى قىلماڭ. ئالدى بىلەن كۆڭۈل قويۇپ پىكىر يولىنى تېپىپ چىقىپ، ئىشنى مۇھىملىق ۋە جىددىيلىك دەرىجىسىگە ئايرىپ، ئاۋۋال جىددىي، مۇھىم ئىشلارنى قىلىش، ئاندىن ئالدىرىمىغان، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىشلارنى قىلىش كېرەك.
ئىشنى شۇ كۈنى تۈگەتكەندە، ھەم خىزمەتنىڭ يۇقىرى ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلغىلى، ھەم ۋاقىتتىن مۇۋاپىق پايدىلانغىلى بولىدۇ.
ئورۇن ئالماشتۇرۇپ ئويلاش

ئېغىز ئېچىشتىن بۇرۇن ئورۇن ئالماشتۇرۇشنى سىناپ بېقىپ، ئۆزىڭىزدىن ئەگەر مۇشۇنداق ياردەمگە يولۇقسىڭىز، ياردەم قىلامسىز ياكى ياردەم قىلمامسىز دەپ سوراپ بېقىڭ.
مەسىلىگە قارشى تەرەپنىڭ نۇقتىسىدىن قارىغاندا، كىشىلىك مۇناسىۋىتىڭىزنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز.
باشقىلارنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاش

باشقىلارنىڭ سۆزىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاش قارشى تەرەپكە بولغان بىر خىل ھۆرمەت، كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىكى ئەڭ ئاساسىي ئەدەپ.
ئۈچ ئادەمنىڭ ئىچىدە چوقۇم بىرسىنىڭ سىز ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىغان يېرى بولىدۇ. پەقەت بىزنىڭ قەلبىمىز بولسىلا، ھەمىشە باشقىلارنىڭ سۆز ـ ھەرىكىتىدىن ئۆزىمىز ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىگە ئېرىشەلەيمىز. باشقىلارنىڭ سۆزىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاش ئەقىل-پاراسەتنى قوبۇل قىلىشنىڭ مۇھىم يولى.
ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرۇش

ھاياتلىق ھەرىكەتتە، ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرىدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
مەيلى بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيىگە بېرىش ياكى ئولتۇراق رايون ئاستىدا يۈگۈرۈش، ئۆي ئىچىدە گىمناستىكا ئويناش، ياكى ئىشقا بېرىپ-كېلىشتە ۋېلسىپىت مىنىش، پىيادە مېڭىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يامان ئەمەس تاللاشتۇر.
قاقشاشتىن يىراق تۇرۇش

مەسىلىگە يولۇققاندا، ئالدىراپ ئاغرىنماڭ. ئاغرىنىش بىلەن مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ، پەقەت ھېسسىياتقا زىيان يەتكۈزىدۇ.
ئۆزىدىن سەۋەبىنى كۆپرەك ئىزدەپ، ئۆزىدىن يەنە نېمىنى يېتەرلىك قىلالمىغانلىقىنى سوراپ، بار بولسا تۈزىتىش، يوق بولسا ساقلىنىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا قايتا-قايتا تېخىمۇ ياخشى قىلغىلى بولىدۇ.
كەيپىاتنى تىزگىىنلەش

ھەممە ئادەمنىڭ ئاچچىقى بولىدۇ، لېكىن كەيپىياتنى تەڭشەشنى ئۆگىنىۋېلىش، ئاچچىقىنى باشقىلارغا چاچماسلىق كېرەك.
ئەسكى مىجەز مەسىلىنى ھەل قىلالمايلا قالماستىن، يەنە ئاددىي ئىشلارنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدۇ. سىز قانچە پىشىپ يېتىلسىڭىز، قانچە مۇلايىم بولسىڭىز، بۇ دۇنيانىڭ گۈزەل ۋە ئاق كۆڭۈللۈكىنى شۇنچە ھېس قىلالايسىز.


