大数跨境

زەھەر ھەيدەپ چىراي گۈزەللە شتۈرىدىغان دورا يېمەكلىكلەر

زەھەر ھەيدەپ چىراي گۈزەللە شتۈرىدىغان دورا يېمەكلىكلەر Qux Tori
2026-05-13
1
图片 1. ھەسەل  
图片


ھەسەل قەدىمدىن بۇيان زەھەرنى ھەيدەپ چىراينى گۈزەللەشتۈرىدىغان ئېسىل يېمەكلىك. ئۇنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئامىنو كىسلاتالار ۋە ۋىتامىنلار بار. دائىم ھەسەل ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە بەدەندىكى زەھەرنى، توكسىننى ھەيدىگەندىن باشقا، يەنە يۈرەك، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە نېرۋا ئاجىزلىق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتىمۇ ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.



2. قارا مور


图片


قارا مورنىڭ تەركىبىدىكى ئۆسۈملۈك يىلىمىنىڭ كۈچلۈك سۈمۈرۈش كۈچى بولۇپ، بەدەننىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدا ساقلىنىپ قالغان ئارىلاشما ماددىلارنى سۈمۈرۈپ قاننى تازىلايدۇ. دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە بەدەندىكى بۇلغانمىلارنى ئۈنۈملۈك تازىلاش رولنى ئوينايدۇ.


  3.جىن بەرەڭگىسى  


ئۈچەي ۋە ئاشقازاننى تازىلايدىغان داڭلىق دورا ۋە « قان تازىلىغۇچى»دۇر. ئۇ ئۈچەي دىۋارىدىكى كېرەكسىز ماددىلارنى تازىلايدۇ.





  4. لامىنارىيە (خەيدەي)  

图片


لامىنارىيە تەركىبىدىكى قوڭۇر يۈسۈن كىسلاتاسى ئۈچەي يولىنىڭ رادىئوئاكتىپ ئېلېمېنت ئىسترونتسىينى سۈمۈرۈش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىدۇ ھەمدە بۇ رادىئوئاكتىپلىق ئېلېمېنتنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ. شۇڭا بۇنىڭ يەنە ئاق قان كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، لامىنارىيەنىڭ باشقا زىيانلىق ئېلېمېنتلارنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار.




  5. يىرىك گۈرۈچ  

(ئاقلانغان، لېكىن پارقىرىتىلمىغان توپانلىق گۈرۈچ)


图片


يىرىك گۈرۈچ بولسا چوڭ ئۈچەينى تازىلايدىغان «يول ئىشچىسى». ئۇ چوڭ ئۈچەينى بېسىپ ئۆتكەندە يىغىلىپ قالغان نۇرغۇن كېرەكسىز ماددىلارنى سۈمۈرۈپ، بەدەن ھەزىم قىلالمايدىغان ماددىغا ئايلاندۇرىدۇ. ئاخىرىدا ئۇلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ.



  6. كەرەپشە  


图片


كەرەپشە تەركىبىدە مول تالا بار بولۇپ، ئۇ ساپلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسىغا ئوخشاش بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلارنى سۈزىۋالىدۇ. دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە بەدەننى غىدىقلاپ زەھەرنى ھەيدەيدۇ. بەدەنگە توكسىن يىغىلىپ قېلىش سەۋەبىدىن بولغان كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرالايدۇ. مەسىلەن رېماتىزم، بوغۇم ياللۇغى قاتارلىقلارغا تاقابىل تۇرالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كەرەپشە بەدەندىكى سۇ مىقدارىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەپ ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ.



  7. ئاچچىق كاۋا  
图片


ئاچچىق تەملىك يىمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاساسەن زەھەرنى قايتۇرۇش رولى بار. ئاچچىق كاۋا تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى بىر خىل ئاقسىل ئىممۇنلىق ھۈجەيرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئاشۇرىدىكەن. بولۇپ ئاياللار كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەرسە ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدىكەن.


  8. سۈت ۋە پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر. 
图片


بۇلارنىڭ ھەممىسى كالتىسىي مول پايدىلىق «توكسىن ھەيدەش ئىشچىلىرى» دۇر.


  9. ماش  

图片


ماشنىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، ئەزەلدىنلا تولىمۇ ئۈنۈملۈك زەھەر قايتۇرۇش دورىسىدۇر. ئېغىر مېتاللار، دېھقانچىلىق دورىلىرى ۋە ھەرخىل يېمەكلىكلەردىن زەھەرلىنىپ قېلىشنى داۋالاشتا كۆرۈنەرلىك داۋالاش رولى بار. ئۇ ئاساسلىقى زەھەرلىك ماددىنىڭ بەدەندىكى ئايلىنىشىنى تېزلىتىپ، بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.


  10. چاي  
图片


چاي تەركىبىدە بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ چىقىرىلىشىنى تېزلىتىدىغان كۆپ ماددىلار بار. بولۇپمۇ پۇئېر چېيى تولىمۇ پايدىلىق. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، پۇئېر چېيىنىڭ راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە ياردىمى بار ئىكەن. كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلار دائىم پۇئېر چېيى ئىچىپ بەرسە رادىياتسىيەنىڭ ئادەم بەدىنىگە يەتكۈزىدىغان تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.


  11. بۆلجۈرگەن  

图片


تەركىبىدە كۆپ خىل ئورگانىك كىسلاتالار، مېۋە يېلىمى ۋە مىنېرال ماددىلار بار بولۇپ ئاشقازان، ئۈچەينى تازىلاپ جىگەرنى كۈچلەندۈرىدۇ.


  12. ئالما  

图片


ئالما تەركىبىدىكى گالاكترۇنىك كىسلاتانىڭ زەھەرنى ھەيدەشكە ياردىمى بار. يەنە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى مېۋە يېلىمى يېمەكلىكنىڭ ئۈچەي يولىدا چىرىپ كېتىشىدىن ساقلايدۇ.

ئۆزڭىز ئەڭ يىقىن بىلگەن ئادەملەرگە ئەۋەتىشنى ئۇنۇتماڭ

图片

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Tori
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 161
粉丝 0
Qux Tori شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读28
粉丝0
内容161