01
مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىشكە باشلاش
سىزنى بەلگىلەيدىغىنى مەسىلە ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ ئۇلارغا بولغان ئىنكاسىڭىز. بەلكىم مەسىلە ناھايىتى قىيىن بولۇشى مۇمكىن، لېكىن سىز توغرا يۆنىلىشكە قاراپ قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرىلىسىڭىزلا، گەرچە جاپالىق بولسىمۇ، ئەمما ئۇنچە قورقۇنچلۇق ئەمەسلىكىنى بايقايسىز.
02
ئۆز قەلبىگە يۈزلىنىشكە باشلاش
باشقىلارغا ئايلىنىپ قېلىشقا ئۇرۇنماڭ. ئۆزىڭىز بولۇڭ، قەلبىڭىزنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى خىيالى، ئەۋزەللىكى، تالانتى، باشقىلارغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئۆزىڭىزنى قۇچاقلاڭ. ئەڭ مۇھىمى، ئۆزىگە سادىق بولۇش.
03
ھازىرنى ھېس قىلىشقا باشلاش
كەلگۈسىدە نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ دەپ زىيادە ئەندىشە قىلماڭ، ئىلگىرى يۈز بەرگەن ياكى يۈز بەرمىگەن ئىشلارغا بېرىلىپ كەتمەڭ. ئۆز ئورنىدا تۇرۇشنى ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ ھازىرقى ئورنى، تەسىراتى، ئەھۋالىنى چۈشىنىپ، ئاندىن يۈز بېرىۋاتقان بارلىق ئىشلارنى ھېس قىلىش كېرەك.
04
خاتالىقنىڭ ئېلىپ كەلگەن ساۋاقلىرىنى قەدىرلەشكە باشلاش
خاتالىق ئۆتكۈزۈشنىڭ كارايىتى چاغلىق، ئۇلار ئەسلىدىنلا ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ شوتىسى. خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش، خاتالىقنى سىناپ بېقىش، يىقىلىپ چۈشۈش، ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ داۋاملىق سىناپ بېقىش. سىز خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن قورقۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، ئەكسىچە ئۆزىڭىزنىڭ خاتالىق ئىچىدىن تەجرىبىگە ئىگە بولالايدىغانلىقىڭىزنى تونۇپ يېتىشىڭىز كېرەك.
05
ھەمىشە ئۆزىڭىز دېگەن گەپ، قىلغان ئىشىڭىزغا دىققەت قىلىپ، ئاندىن كېيىن، ئەكسىچە ئويلاپ بېقىڭ، ئەگەر باشقىلار سىزگە ئۇنداق گەپ قىلسا، ئۇنداق ئىشنى قىلسا، سىز ياخشى كۆرەمسىز؟ باشقىلارنىڭ ئۆزىگە مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان ئۇسۇل بىلەن باشقىلارغا مۇئامىلە قىلىڭ.
06
مەسىلىلەرگە ئاكتىپ قاراشقا باشلاش
ھەر بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشىدا ئاكتىپ ۋە پاسسىپ تەرەپ بولىدۇ. سىز ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنى كونترول قىلالمايسىز، لېكىن ئۆزىڭىزنىڭ ئىنكاسىنى كونترول قىلالايسىز. يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، سىزنىڭ خۇشال بولۇش-بولماسلىقىڭىز ناھايىتى زور دەرىجىدە تۇرمۇشنىڭ قايسى تەرىپىگە دېققىتىڭىزنى بەرگىنىڭىزگە باغلىق.
07
ئارزۇيىڭىز ئۈچۈن بىر پۇرسەت بېرىشكە باشلاش
بىر پۇرسەتكە يولۇققان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ سىزگە ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىنى ئېلىپ كېلىدىغان ياكى كەلمەيدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلمەيسىز. لېكىن شۇنى جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، ھېچنېمە قىلمىسا چوقۇم بولمايدۇ. ئاخىرىدا، سىز يا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىسىز، يا يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيسىز، بۇ باشتىن-ئاخىر بىر قوش پايدا ئېلىشنىڭ نەتىجىسى.
08
باشقىلارنى چىن كۆڭلىدىن ماختاشقا باشلاش
ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە ئاپىرىن ئېيتسىڭىز، سىزگە تېخىمۇ گۈزەل كىشىلىك مۇناسىۋەت ئاتا قىلىدۇ، ئۆزىڭىزگە روھىي جەھەتتىن تونۇش تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ. سىز ھۇزۇرلىنىدىغان ئادەم ئۈچۈن خۇشال بولسىڭىز، ئەمەلىيەتتە ئۆزىڭىزنى ئۇلار بىلەن ئوخشاش خوشالل.
09
قىيىنچىلىققا يۈزلەنگەن روھىي ھالەتنى تەڭشەشكە باشلاش
قىيىنچىلىق ئالدىدا مەيۈسلىنىسىز، ئازابلىنىسىز، لېكىن ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىز باشتىن ئاخىر قىيىنچىلىققا يۈزلىنىدىغان روھىي ھالەتنى تاللىيالايسىز. ئەگەر ئاتالمىش يامان ئىشلاردىن ياخشى تەرەپنى كۆرگىلى بولسا، ئۇنداقتا قىيىن ئەھۋالدىن تۇرمۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى بايقىيالايسىز.
10
ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرگە ياردەم قىلىشنى باشلاش
ئەگەر مەلۇم بىر ئىشتا، سىز تېخىمۇ ياخشى ئۇسۇلنى بىلسىڭىز، باشقىلارغا ياردەم قىلىڭ. سىزنىڭ باشقىلارغا بولغان ياردىمىڭىز قانچە كۆپ بولسا، ئۇلارنىڭ سىزگە بولغان ياردىمى شۇنچە كۆپ بولىدۇ. مۇھەببەت ۋە ئاق كۆڭۈللۈك تېخىمۇ كۆپ گۈزەل ئىشلارنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ بىر ياخشى ئايلىنىش.
11
ئۆزىنىڭ بېسىمىغا دىققەت قىلىشقا باشلاش
ئەگەر سىزنىڭ بېسىمىڭىز بەك چوڭ بولۇپ كەتسە، ئۆزىڭىزنى ۋاقتىنچە توختىتىپ تۇرۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىپ بېقىڭ. قىسقا دەم ئېلىش سىزنىڭ روھىڭىزنى ئۇرغۇتۇپ، خىزمەت ئۈنۈمىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق نىشانغا قاراپ تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرىلەيسىز.
12
تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىگە دىققەت قىلىشقا باشلاش
ئەمەلىيەتتە، سىز ھەر كۈنى يۈز بېرىدىغان كىچىك ئىشلاردىن بەخت تۇيغۇسىنى تاپالايسىز، بۇنىڭ ئىچىدە سەھەردە بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچىش، ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئەتىگەنلىك تاماق ئېتىش، باشقىلار بىلەن بىللە ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەردىن بەھرىمەن بولۇش قاتارلىقلار بار. ھەر كۈنى بۇ كىچىك خۇشاللىققا دىققەت قىلسىڭىز، تۇرمۇش سۈپىتىڭىز زور دەرىجىدە ياخشىلىنىدۇ.


