大数跨境

چۈشىدە توي ھارىقى ئىچىش

چۈشىدە توي ھارىقى ئىچىش Qux Yixix
2026-01-16
1

چۈشىدە توي ھارىقى ئىچسە، يېقىندا ئەسكى خەۋەر يېتىپ كېلىدۇ، پەسكەش ئادەمگە يولۇقىدۇ، ھەر قانداق ئىشتا كۆپرەك ئېھتىيات قىلىش كېرەك.

چۈشىدە باشقىلارنىڭ توي ھارىقى ئىچكەنلىكىنى كۆرسە، باشقىلار بىلەن تالاش - تارتىش يۈز بېرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

چۈشىدە مېھمانخانىدا توي ھارىقى ئىچسە، بۇ يېقىندا سىرتقا چىققاندا ئاۋارىچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

چۈشىدە ئۆزىنىڭ توي ھارىقى ئىچىۋاتقانلىقىنى كۆرۈش بىر خىل ياخشى بولمىغان ئالامەت بولۇپ، چۈش كۆرگۈچىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەرنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرايدىغانلىقىدىن ھەمدە يامان خەۋەرلەر كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

سودىگەر چۈشىدە ئۆزىنىڭ توي ھارىقى ئىچكەنلىكىنى كۆرسە، سودىنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدىغانلىقىدىن ھەمدە نۇرغۇن پۇل زىيان تارتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

چۈشىڭىزدە توي مۇراسىمىغا قاتنىشىش، سىزنىڭ قارار قىلىشقا ئامالسىز قالغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ، شۇڭا دائىم نۇرغۇن ياخشى پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويىسىز، ئۆزىڭىزمۇ بەك پۇشايمان قىلىسىز. ئەگەر چۈشىڭىزدە باشقىلارنىڭ توي مۇراسىمىنى كۆرسىڭىز، ئائىلىڭىزدىكىلەرگە ئامەت كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، سىزنىڭمۇ بىر مەزگىل خاتىرجەم، كۆڭۈلدىكىدەك كۈنلىرىڭىز بولىدۇ.

چۈشىڭىزدە زىياپەتكە قاتنىشىش ( ئوپچە تاماق يېيىش ) بىر ياخشى چۈش، ئەگەر زىياپەتتە ئېسىل نازۇ - نېمەتلەرنى يەپ، ئۇزۇن يىللىق ئېسىل ھاراقلارنى ئىچسىڭىز، بۇ سىزنىڭ كەسىپتە زور نەتىجىگە ئېرىشىدىغانلىقىڭىزنى، بايلىقىڭىزنىڭ ئۈزلۈكسىز توپلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دوستلىرىڭىز بىلەن ياخشى ئۆتىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.

چۈشىدە توي زىياپىتىگە قاتناشسا، مۇھەببەت جەھەتتە توختاپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. كىچىك ئىشلار ئۈچۈن ئاشىقى بىلەن ئۇرۇشىدۇ.چۈنكى ئىككىلا تەرەپ جاھىل، شۇڭا باشتىن - ئاخىر يارىشىپ قېلىش پۇرسىتى تاپالمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا، سىز ئاۋۋال يول قويۇپ سىناپ بېقىڭ.

图片

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Yixix
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 128
粉丝 0
Qux Yixix شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读49
粉丝0
内容128