大数跨境

ئۈچ كۈنلۈك بەخىت…

ئۈچ كۈنلۈك بەخىت… Qux Tori
2026-06-06
2

图片بۈگۈنكى زاماندا بىز بىر قىزىقارلىق ۋەزىيەتتە ياشاۋاتىمىز. تېخىمۇ كۆپ نەرسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىمىز، ئەمما شۇنچە كۆپ نەرسىگە ئىگە  بولساقمۇ، يەنىلا ئۆزىمىزنى بەختسىز ۋە كەمچىل ھېس قىلىمىز. نېمىشقا؟

بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، بىز ھەقىقىي ئېھتىياجىمىز بىلەن پەقەتلا «خالاپ قېلىش» ئارىسىدىكى پەرقنى ئۇنتۇپ قالدۇق. بىزنىڭ ھاياتىمىزنى  زادى كىم باشقۇرىۋاتىدۇ ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟ ھەر بىر يېڭى مودا كىيىم، ھەر بىر يېڭى تېخنىكا بۇيۇمى بىزگە: «سەن بۇنى سېتىۋالمىساڭ، سەن قالاق، سەن بۇ دەۋردىن قېلىپ قالدىڭ» دېگەن ئۇچۇرنى بېرىدۇ. بىز بۇ خىل بېسىم ئاستىدا، ئۆزىمىزنىڭ قىممىتىنى،  نېمىگە ئىگە ئىكەنلىكىمىز بىلەن ئۆلچەيدىغان بولۇپ قالدۇق.

ئەمما، بىر ئاز توختاپ ئويلىنىپ باقايلى. بىز ھەقىقەتەن شۇنچە كۆپ نەرسىگە موھتاجمۇ؟ 

 بىزنىڭ ھەپتىدە بىر قېتىم كىيىدىغان كىيىمىمىز ئۈچۈن تولۇپ كەتكەن مال ھارۋىسى، بىر قېتىممۇ ئوقۇلمىغان كىتابلار بىلەن لىق تولغان كىتاب جازىسى ، ياكى ھەر خىل ئۈسكۈنىلەر بىلەن تولغان تارتمىمىز بىزگە ھەقىقەتەن بەخت ئېلىپ كېلەمدۇ؟ ياكى بۇلار پەقەت بىزنىڭ ھاياتىمىزدىكى بوشلۇقنى، يالغۇزلۇقنى، ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچسىزلىكنى تولدۇرۇش ئۈچۈن سېتىۋالغان ۋاسىتىلەرمۇ؟

ھەقىقىي بەخت كۆپ نەرسىگە ئىگە بولۇشتا ئەمەس، بەلكى ئاز نەرسە بىلەنمۇ قانائەت قىلىپ، ھاياتنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشتە. بىز نەرسىلەرنى يىغىۋېلىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى بىخەتەر ھېس قىلماقچى بولىمىز، لېكىن نەتىجىدە ئەكسىچە بولىدۇ. بىز ئۇلارنى ساقلاش، تازىلاش ۋە قوغداش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت ۋە ئېنېرگىيە سەرپ قىلىمىز. بىزنىڭ ۋاقتىمىز ۋە دىققىتىمىز چەكلىك، شۇڭا ھاياتىمىزنى زادى قايسى نەرسىلەر بىلەن  تولدۇرۇشىمىز ھەقىقەتەن بەك مۇھىم.

بىز نەرسىلەرنى ئەمەس، بەلكى تەجرىبىلەرنى سېتىۋېلىشىمىز كېرەك. دوستلىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر كەچلىك پاراڭ، ئائىلىدىكىلەر بىلەن قىلغان بىر سەيلە، ياكى يېڭى بىر كەسىپنى ئۆگىنىش جەريانىدىكى خۇشاللىق – بۇلار بىزنىڭ خاتىرىمىزدە مەڭگۈلۈك ساقلىنىدۇ ۋە بىزگە ھەقىقىي بەخت ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ خىل بەختنى ھېچقاچان يېڭى بىر تو كىيىم ياكى تېلېفون بىلەن ئۆلچەشكە بولمايدۇ.

شۇڭا، كەلگۈسىدە بىرەر نەرسە سېتىۋالماقچى بولغىنىمىزدا، ئۆزىمىزدىن بىر سوئال سوراپ باقايلى: «بۇ مېنىڭ ھاياتىمغا ھەقىقەتەن زۆرۈرمۇ، ياكى مەن پەقەت ئۆزۈمنى ياخشى ھېس قىلىش ئۈچۈنلا بۇنى سېتىۋالماقچىمۇ؟» بۇ سوئال بىزنى كۆپلىگەن كېرەكسىز خەجلەشلەردىن قۇتقۇزۇپ، ھاياتىمىزنى  ئاددىي ۋە مەنىلىك قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.

ھەقىقىي بايلىق – بۇ ھېساباتىمىزدىكى رەقەملەر ياكى  ئۇچىمىزغا كىيىۋالغان كىيىم ئەمەس. ھەقىقىي بايلىق – بۇ بىزنىڭ ۋاقتىمىز، ساغلاملىقىمىز، يېقىنلىرىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ۋە ئىچكى دۇنيامىزدىكى تىنچلىقتۇر.  يىغىنچاق قىلىپ ، ئېيتقاندا ئازغا قانائەت قىلىشنى ئۆگەنسەك، بىز تېخىمۇ كۆپ نەرسىگە  ئېرىشەلەيمىز.

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Tori
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 161
粉丝 0
Qux Tori شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读28
粉丝0
内容161