大数跨境

تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇنقى 8 سىگنال، ھەرگىز سەل قارىماڭ

تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇنقى 8 سىگنال، ھەرگىز سەل قارىماڭ Qux Tori
2026-06-06
3

مەيدە ئاغرىش: - ئۇزاق مۇددەت مەيدە ئاغرىشقا سەل قاراشقا بولمايدۇ .

图片

نەپەس قېينىلىش _: - ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش قاتارلىق جىددى ھەركەتلەرنى قىلغان ۋاقىتتىن سىرت  نەپەس قىيىنلاشقان بولسا چۇقۇم دىققەت قىلىڭ . جىددى خاراكتېرلىك يۈرەك سول قىسمى ئاجىزلاش ، زىققا كېسىلى قاتارلىقلارمۇ نەپەسنى قېيىنلاشتۇرۇىدۇ . ئەگەر كىشىلەر بۇنى بەك ھېرىپ كەتكەنلىكتىن بولغان دەپ ئەھمىيەت بەرمىگەندە ، جانغا خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن .

يۈرەك سېلىش : - يۈرەك سېلىش تۇيۇقسىز تېزلىشىپ ، باش قېيىش ، كۆكرەك ئاغرىش ھەتتا ھوشىدىن كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە ، بۇ قېرىنچە ئۈستى مەنبەلىك يۈرەك ھەرىكىتىنىڭ زىيادە تېزلىشىشى سەۋەبلىك تۇيۇقسىز قازا قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئەگەر يۈرەك سوقۇش تۇيۇقسىز ئاستىلاپ كەتسە بۇمۇ تويۇقسىز قازا قىلىشنىڭ بىر خىل ئىنكاسى ھېسابلىنىدۇ .

باش قاتتىق ئاغرىش : - ئەگەر يۇقىرى قان بېسىم بولسا ھەمدە تۇيۇقسىز باش قاتتىق ئاغرىپ ، ياندۇرسا بۇ جىددى خاراكتېرلىك مېڭە ، قان-تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بەرمەكچى بولغانلىقىنىڭ ھەمدە تۇيۇقسىز قازا قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنىڭ ئىنكاسىدۇر . قول-پۇتلارنىڭ پالەچلىنىشىمۇ جىددى خاراكتېرلىك مېڭە ، قان-تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ، تويۇقسىز قازا قىلىشنىڭ ئىنكاسى .

ھوشسىزلىنىش : - بىرەر كىشىنىڭ تۇيۇقسىز ھوشسىزلانغانلىقىنى ، قانداق قىلىپمۇ ھېچقانداق ئىنكاس كۆرۈلمىگەنلىكىنى بايقىغاندا ، يۈرىكى توختىغان ، مېڭە زەخمىلەنگەن دەپ قاراشقا بولىدۇ . 

تارتىشىش : -  يۈرەك كېسىلى بار كۆپلىگەن ياشانغانلار ھاۋا تىنجىق كۈنلىرى ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان ئۆيگە بېكىنىۋالغاندا ، ئاسانلا تارتىشىش ، تەرلەش ، چىرايى تاتىرىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ . ياشلارمۇ ئادەتتە چېنىقىشنى ئادەت قىلىشى كېرەك .

图片

جىددى خاراكتېرلىك قورساق ئاغرىش : - جىددى خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى ، ھەزىم قىلىش يولى تېشىلىش ، جىددى خاراكتېرلىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى، ئۆت ياللۇغى، ئۈچەي يولى توسۇلۇش ، بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇشتىن پەيدا بولغان يېرىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە جىددى خاراكتېرلىك قورساق ئاغرىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. 

图片

نەپەس بوغۇلۇش : - سۇغا چۆكۈش ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان نەپەس يولىدا غەيرىي نەرسە توسۇلۇش ، كېكىردەك ئىشىش ، بويۇن زەخمىلىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆپكە بىلەن تاشقى مۇھىتنىڭ نورمال ھاۋا ئالماشتۇرۇشىغا تەسىر قىلىپ ، كىشىنى ئوكسىگېنسىز ھالەتتە قالدۇرىدۇ . بۇنداق بولغاندا كۈچلۈك قاقىلىش ، نەپەس قېينىلىش ، چىراي تاتىرىش ، بىئارامسىزلىنىش تۈپەيلى نەپەس ۋە يۈرەك سوقۇش توختايدۇ .

ئەگەر يۇقىرىقى ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىمارنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر ھوشيار تۇرۇپ  قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىپ ، ئېغىرراق بولسا 120 گە تېلېفۇن قىلىپ ، كەسپى دوختۇرلارنىڭ قۇتقۇزۇشىنى تەلەپ قىلىش ، ھەرگىز سەل قارىماسلىق كېرەك .

图片

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Tori
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 161
粉丝 0
Qux Tori شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读28
粉丝0
内容161