大数跨境

چۈشىدە تۈرمە كۆرۈش

چۈشىدە تۈرمە كۆرۈش Qux Tori
2026-06-06
3

图片ئەرلەر چۈشىدە تۈرمە كۆرسە، تۇرمۇشى بەختلىك، غەم - ئەندىشىسىز ئۆتىدۇ.

توي قىلغان ئايال چۈشىدە تۈرمىگە كىرىپ قالسا، ھامىلدار بولۇپ قالىدۇ.

بوۋاينىڭ چۈشىدە تۈرمىگە كىرىشى يامان ئىشنىڭ ئالامىتى، سالامەتلىكى كۈندىن - كۈنگە ناچارلىشىپ كېتىدۇ.

سودىگەر زىنداننى كۆرسە، سودىنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدىغانلىقىدىن، زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

چۈشىدە تۈرمە باشلىقى بولۇپ چۈشىسە، پۇلدارلارنىڭ غوجىدارى بولۇپ قالىدۇ.

چۈشىدە تۈرمە باشلىقى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالسا، ئەركىنلىكى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ.

چۈشىڭىزدە تۈرمە ئەمەلدارلىرى بىلەن دوست بولسىڭىز، سىزنىڭ تۈرمىدە يېتىشىڭىز ياكى ئابرويىڭىزنىڭ تۆكۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

چۈشىڭىزدە ئۆزىڭىزنىڭ تۈرمىدىكى مەينەت مەنزىرىسىنى كۆرسىڭىز، بۇ سىزنىڭ باي بولۇپ، تۇرمۇشىڭىزنىڭ راھەت، باياشات بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

چۈشىڭىزدە باشقىلار تۈرمىگە سولىنىپ قالسا ،سىزنىڭ ئىمتىيازنى سىز ئېرىشىشكە ماس كەلمەيدۇ دەپ قارىغان ئادەمگە بېرىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.

چۈشىڭىزدە تۈرمىگە قامالغان قارا تەنلىكلەرنى كۆرۈش، قول ئاستىڭىزدىكىلەرنىڭ بىخەستەلىكىدىن كېلىپ چىققان زىيان ۋە سىزنىڭ ئەندىشىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.

ياش قىز چۈشىدە سۆيگىنىنىڭ تۈرمىگە قامىلىپ قالغانلىقىنى كۆرسە، ئۇنىڭ پەزىلىتىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ بىر ئالدامچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىدۇ.

چۈشىڭىزدە تۇغقىنىڭىزنىڭ تۈرمىگە كىرىپ قېلىشى دوستىڭىزنىڭ قىيىنچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، سىزنىڭ ياردىمىڭىزگە مۇھتاج.

جىنايەت ئۆتكۈزۈشنى ئويلايدىغان ئادەم چۈشىدە تۈرمىگە كىرىپ قالسا، ئۆزىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىيىتىدىن ۋاز كېچىپ، خاتا ئىش قىلمايدۇ.

图片

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Tori
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 161
粉丝 0
Qux Tori شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读28
粉丝0
内容161